شۋېتسىيەدە شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىردەك چاقىرىقىغا بىنائەن جاي - جايلاردا شاۋگۇەندىكى قانلىق ۋەقەگە نىسبەتەن نارازىلىق نامايىشلىرى باشلىنىپ كەتتى. بۈگۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشتا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، شاۋگۇەندىكى بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلانلىق، زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىش جەريانىدا شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز يەنە، نامايىشقا قاتناشقۇچىلار بىلەن شاۋگۇەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياقلاشقان ۋەقە، شۇنداقلا نامايىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.