'ئۈرۈمچىدىكى دىل يارىسىنى ساقايتىش، ھەربىي قوشۇن توپلاشتىن باشقا كۆپرەك سىياسىي ئىسلاھات تەلەپ قىلىدۇ'

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋول سترىت ژۇرنىلى گېزىتىدە "شىنجاڭ ئەنسىزچىلىكتە" ناملىق بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۈرۈمچىدىكى "دىل يارىسى" نى ساقايتىشنىڭ، ھەربىي قوشۇن توپلاشتىن باشقا يەنە كۆپرەك سىياسىي ئىسلاھات تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ماقالە، ۋول سترىت جۇرنىلى گېزىتىنىڭ 8 - سېنتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان. ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: " پاشا چېقىۋالغان يەرلەر ئاسانلا ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى مەنبە قىلغان شپىرىس ھۇجۇمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلسە، ئېنىقكى، بۇ يەردە مەسىلە بار."

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بارغانچە يامانلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەت تۈپەيلى تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە: " ئوتكەن 60 يىل مابەينىدە بېيجىڭ دائىرىلىرى شىنجاڭدا خىتايلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سالماق قەدەم بىلەن كۆپەيتىپ ماڭدى ۋە ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇلار بۇ قەدەمنى جىنايەتچىلەرگە ۋە خىيالى بۆلگۈنچىلەرگە’ زەربە بېرىش مەقسىتىدە 1996 - يىلى باشلانغان' قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتى جەريانىدا تېخىمۇ تېزلەتتى" دېيىلگەن.

"ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىق يولى ۋەيران قىلىندى"

ماقالىدە، يەر مەيدانى خىتاينىڭ 6 دەن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىغان، نېفىت زاپىسى ئەڭ مول ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇ ئېلىگە سالغان مەبلەغلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە: " ئۇيغۇرلار ئىقتىسادى يۈكسىلىشنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولى ۋەيران قىلىندى،" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋە 1995 - يىلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىق بولۇپ كېلىۋاتقان ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بىر قوللۇق يۈرگۈزگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ دىنىي، مەدەنىي ئەركىنلىكىنى ئاستا - ئاستا بوغۇپ كەلگەنلىكى، ۋاڭ لېچۈئەن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن سىياسەتنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەينى ۋاقتا تىبەتتە يۈرگۈزگەن سىياسەتكە تامامەن ئوخشايدىغانلىقى، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىر قۇر تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇچۇر قاناللىرىنىڭ قامال قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر، خىتاي ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، خەتەرلىك ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقى، نەتىجىدە بۇنىڭ يىڭنە ھۇجۇمىدىكى ئەنسىزلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە: " يۈزلىگەن بۇ خىلىدىكى ئەھۋاللاردا دوختۇرلار يىڭنە كىرگەن ئورۇننى تاپالمىغان. ھۆكۈمەتمۇ دۈشەنبە كۈنى، بۇ خىل ئەھۋالنى تاسادىپىي ئېتىراپ قىلىپ، ئۆسەك سوز تارقاتقانلارنى تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى" دېيىلگەن.

"بېيجىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى بىڭتۇەنگە قاراتتى"

دۈشەنبە كۈنى، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جا چىڭلىن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم نۇقتا دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ھالبۇكى، ۋال سترىت جۇرنىلى گېزىتىدە بېرىلگەن ماقالىدە، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىي كۆز قارىشىغا قارىشى پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بۈگۈنكى ھالغا ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ئۆلكىگە پۇلنى تۆكمە قىلىپ ئېلىپ كىردىيۇ، سودا تەرەققىيات يۆلىنىشىنى يېرىم ھەربىي گۇرۇھ بىڭتۇئەنگە قاراتتى. ئەمما، يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسى بولسۇن، بولمىسۇن بۇ زېمىندا ئەسىرلەر بويى ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ نېگىزلىك دىنىي ۋە مەدەنىي ئەركىنلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشاتتى."

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا شۇ خىلدىكى ئەركىنلىكىنى بېرىشتىن ئىبارەت ئانچىكى سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 5 - ئىيۇلدىكى نامايىشنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە دۆڭگەپ قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن:" شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ياشىنىپ قالغان ئۇيغۇر ئايال رابىيە قادىر نامايىشىنى باش بولۇپ تەشكىللىدى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە سودا سارىيىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلدى."

ماقالە ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىنى پۈتۈنلەي چېقىۋەتمەكچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پۇقرالار تىنچ ياشىسۇن دەيدىكەن، يېڭى سودا سارايلىرىنى كۆپلەپ سېلىشتىن ئۆزگىچىرەك چارىلەرنى ئويلىشىپ كۆرۈشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالە ۋال سترىت جۇرنىلى گېزىتىنىڭ "باھا" سەھىپىسىگە بېسىلغان، ئاپتورنىڭ ئىسمى بېرىلمىگەن.