خىتاي تارىختىن بۇيان پۈتۈن ئاسىياغا ۋە دۇنياغا خوجا بولۇش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىدى
گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۆرەش ئاتاخان مۇلاھىزىسىدە، ئالدى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ تارىختىكى ئەنئەنىۋىي ئىدېئولوگىيىسىنى تەسۋىرلىدى.
كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتى تارىختىن بۇيان سىرتقا قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك، دوستلۇق، مۇھەببەت ۋە تىنچلىقنى چەتكە قاقىدىغان، يېقىن ئەتراپتىكى مىللەتلەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئىدېئولوگىيىنى قوللىنىپ، ئاخىرقى ھېسابتا پۈتۈن ئاسىياغا ۋە دۇنياغا خوجا بولۇش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىدى.
ئامېرىكا -خىتاي دىپلوماتىيە ئورناتقان 30 يىلدا، خىتايغا گۈللىنىش، كۈچلىنىش پۇرسىتى كەلدى، ئۇيغۇرلارغا كەلمىدى
ئامېرىكا -خىتاي دىپلوماتىيە ئورناتقان بۇ 30 يىلدا، ئامېرىكا خىتاينىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك، ئىچكى جەھەتتە بېكىنمىچىلىك سىياسىتىگە تىنچ ھالدا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش، سىياسىي جەھەتتە كۈچلىنىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ئەمما ئۇيغۇرلارغا بۇنداق پايدىلىق پۇرسەت ئېلىپ كەلمىدى.
خىتاي يەنىلا ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك قىلىش، كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچمىدى
يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، بۇ 30 يىلدا، ئامېرىكا ئۆزى ئويلىغىنىدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى. گەرچە خەلقئارانىڭ جىددىي تۈرتكىسىدە، خىتايلار ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلالايدىغان، ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى تۇرالايدىغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلالمايدۇ.
خىتايغا غەربنىڭ دېموكراتىيە ئەندىزىسى كىرمىدى. خىتاي يەنىلا ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك قىلىش، كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچمىدى. بەلكى ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي 'سوتسىيالىزم' دېگەننى يەرلىك خەلقنى يوقىتىدىغان قورال قىلدى
يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەنئەنىۋىي كېڭەيمىچىلىكىنى يولغا قويدى. 'سوتسىيالىزم' دېگەننى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقنى يوقىتىدىغان قورال قىلدى.