پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت ئۇيغۇر مەكتىپىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە تىراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، ھازىر دەم ئېلىشقا چىققان پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت ئەپەندى خانىمى بىلەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنى زىيارەت قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن سىنىپلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلىدى. زىيارەت داۋامىدا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشتى شۇنداقلا خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشتى. سۇلتان مەھمۇت ئەپەندى زىيارىتىدىن كىيىن ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
«ئاۋسترالىيىگە كېلىش بىلەن ھەممە شەھەرلىرىنى كۆردۇق ھەم تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. بۇ يەردە بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدىن، ھەر ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن پېشقەدەم مۆتىۋەرلەر، ياشلار، ئورتا ياشلارمۇ بار ئىكەن. ياشلار ناھايىتى ياخشى يېتىلىۋېتىپتۇ. ئاۋسترالىيىگە كەلگەندىن كىيىن مەن ئالدى بىلەن بۇ تۈركىستانلىقلارنىڭ غەيرەت قىلىشى بىلەن ئېچىلغان مەسچىتنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتىم. ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق. دېمەك بۇ ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ شۇ غەيرىتى بىلەن، بۇ يەردىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر چوڭ مەسچىت بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مەيدانغا كەپتۇ. ئۇ يەردە ناماز ئوقۇدۇق. ئۇ مۇراسىملارغا قاتناشتۇق. ئۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى ھاياجانلاندىم.

مانا بۈگۈن ئاۋسترالىيە تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ غەيرىتى ۋە بۇ يەردىكى تېگىشلىك ئورۇنلارنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بىر مەكتەپ بار. بىز 92-يىلى تۈركىيىدە ئاڭلىغان. شۇ ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كېلىپ ئىستانبۇلدىكى شۇ شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان پېشقەدەملەر، رەھبەرلەر، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن مۆتىۋەرلىرىمىز ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ ئەجەب ئوبدان ئىش قىلىپسىلەر دەپ تەقدىرلىگەن. مانا بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇ يەرگە 90 غا يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىق ئەۋلادلىرىمىز شەنبە كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلىدىكەن. بۇ يەردە بىرى رەسمىي پروگرامما بىلەن ئانا تىلىمىز، ئىككىنچىسى بىزنىڭ تارىخىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ھەققىدە دەرس ئۆتۈۋېتىپتۇ. بالىلارنى كۆرۈپ مەن شۇنداق ھاياجانلاندىم. بۇ بۈيۈك بىر ئىش.

يەنە بىز ئەلۋەتتە ئاۋسترالىيىدە ياشىغان ئىكەنمىز، ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك، بۇ يەرنىڭ ئىلىم-پەننى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى ياخشى بىلىشىمىز لازىم. بىز ئۆزىمىز بۇ يەرگە كېلىپ تىلىمىزنى ئۇنتۇپ كەتسەك، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى بىلمىسەك ئۇمۇ بولمايدۇ. ياش ئەۋلادلىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۇق، دەرس ئۆتۈۋاتقان يەرنى كۆردۇق. ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بۇ بىر ياخشى خىزمەت، بۈيۈك بىر ئىش. بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى بۈيۈك، ناھايىتى چوڭ.

بالىلار مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان ئىكەن، ئۇيغۇرچىنى شۇنداق چىرايلىق سۆزلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بەك ھاياجانلاندىم. مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۇق. بۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىمىزنى بىلدۈردۇق. بۇنىڭدىن كىيىن بۇ مەكتەپكە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن. ھاياجان بىلەن تۈركىيىگە قايتىمەن. قايتقاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا مۇشۇ ئاۋسترالىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ، بۇ يەردىكى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ بۇ مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرىنى، مۇشۇ بالىلارنىڭ، مۇشۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى، تارىخىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئۆگىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇلارغىمۇ سۆزلەپ بېرىمەن. ئۇلارمۇ ناھايىتى خۇرسەن بولىدۇ ئىنشائاللا. مەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى، ھەممىڭلارغا ناھايىتى كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. خىزمەتلىرىڭلار تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن. جانابى ئاللاھ ياردەمچىڭلار بولسۇن.»

پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت ئەپەندى ئۆز سۆزىدە يەنە ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپنى ئۈلگە قىلىشىنى، چەتئەلدە ياشىدىم دەپلا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى يوقاتساق بولمايدىغانلىقىنى، ۋەتەن ئازاد بولسا، شەرقىي تۈركىستانغا خىزمەت قىلالىغۇدەك ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يەنە ئۆزنىڭ ئانا تىلىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى، دىنىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.