سۈرىيە قەتلىئامى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سۇكۇت قىلىشى

سۈرىيىدە نامايىش باشلانغىنىغا 15 ئاي بولغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە. سۈرىيە ئەرەب باھارىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ساقلاتقان بېكىتى بولۇپ قالماقتا.

0:00 / 0:00


سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەرمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىشچىلارنى ئېتىش ۋە ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىنى توختىتىشىنى، ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى شەھەرلەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەب قىلىش ئاساسىدا بولۇپ، ئەسەد ھاكىمىيىتى قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىغان، كۇفى ئانناننىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىز قالغان. سۈرىيە ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق يېڭىلىق بولمىغان.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى17 - ماي كۈنىدىكى سانىدا، «سۈرىيە قەتلىئامى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سۇكۇت قىلىشى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 16 - ماي ئاخشىمى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى ھەمىس شەھىرىنىڭ بىر يېزىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھەر تەرەپكە ئوق ياغدۇرغان ۋە 15كىشىنى تۇتۇپ كېلىپ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. ئېتىپ تاشلانغانلارنىڭ ئارىسىدا شۇ يېزىدىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ خەۋەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ئۆكتىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېتىپ تاشلانغان مەزكۇر 15 كىشى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى ئۆيلىرىدىن سۆرەپ چىقىپ، ھەممىنى بىر يەردە توپلاپ ئاندىن ئېتىپ تاشلىغان. مۇنداق ئەھۋاللاردىن ھەر كۈنى نۇرغۇنلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەمما خەلقى ئالەم ھەممىسىدىن خەۋەردار بولالمايدۇ. چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى سىرتقا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشىدۇ، بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بارچە رەزىل چارىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىدۇ. سۈرىيىدە ھەر كۈنى نەچچە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئادەملەر، خۇسۇسەن كىچىك بالىلار ئۆلۈپ تۇرىدۇ. ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن بىرەر سادا چىقمايدۇ. ھېچكىم بىر نەرسە دېمەيدۇ ياكى كوچىلارغا چىقىپ، «سۈرىيە خەلقىگە ئۇۋال بولدى»دەپ توۋلىمايدۇ. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋال ئەمەسمۇ؟ ئۆلۈۋاتقانلار باشقا جانلىقلار ئەمەس، ئىنسانلارغۇ ھەمدە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان ئىنسانلارغۇ؟»

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«مىسىر پايتەختى قاھىرە شەھىرىدە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر ھەققىدە قۇرۇلتاي چاقىرىلغان بولسىمۇ، سۈرىيىلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بۇ قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلمىدى. بۇ ئەھۋال ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇللىرىنى كۆپ بىئارام قىلدى. چۈنكى، ئۇلار سۈرىيىلىكلەر ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش يولىدا تىرىشىۋاتقان بۇ پەيتتە، ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆزى بىر يەردىن چىقماسلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىدى. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىبى نەبىل ئەل ئەرەبى سۈرىيىدىكى قەتلىئامغا سۇكۇت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئىككى تەرەپ كۇفى ئاننان ئوتتۇرىغا قويغان6 ماددىلىق تەكلىپكە ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئەڭ ئەپسۇس بولغىنى شۇكى، كۇفى ئانناننىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىز قېلىش قورقۇنچى دەۋر سۈرمەكتە.»