ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەشۋىقاتىغا قارىماي دۇنيادىكى داڭلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئۈرۈمچىدىكى بۇ ۋەقە ۋە بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنىڭ قانداقلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدىغان ماقالىلەر ئارقا - ئارقىدىن بېسىلماقتا.
لوس - ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "ئۇيغۇر دىيارىغا بايلىق ئىزدەپ كەلكۈندەك ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتايلار" ماۋزۇلۇق ماقالە "ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۇرسەتلەردىن بىر گۇرۇپپا پايدىلاندى - ئۇلار خىتاي. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا يوقاتقۇچىلار بولدى"، دەپ باشلانغان.
ماقالىنىڭ ئاپتورى باربارا دېمىك ۋە داۋىد پېيرسونلار بولۇپ، ئۇلار بۇ ماقالىنى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدا يازغان بولۇپ ماقالىدە مۇنداق دىيىلگەن:
ئۇچىسىغا كىر بولۇپ كەتكەن بىر مايكا كىيىۋالغان 26 ياشلىق ليۇ يۇرتى جياڭسۇدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھازىرقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ يەرگە كەلگىنىدە ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بۇ ئەھۋالغا يەنە شۇ ليۇغا ئوخشايدىغان ئاققۇنلار سەۋەب بولغان ئىدى ... خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا 2. 1 مىليون ئاققۇن كەلگەن بولۇپ، بۇ سان تېخى پاختا ۋە ياڭيۇ تېرىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان مىڭلارچە - يۈزلەرچە ئاققۇننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل چۇڭچىڭدا 100 مىڭ كىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يولغا سېلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. مارت ئېيىدا نىڭشىيانىڭ پەقەتلا بىر ۋىلايىتىدىن 3200 دېھقان - يېزىلىقلار داقا - دۇمباقلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى. مانا بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدا چەتكە قېقىلىشتىن ۋە خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولالماسلىقتىن شىكايەتچى. بۇ يەردە نۇرغۇن ئىش يەرلىرى ئۇيغۇرلارنى ئېلىشنى رەت قىلىدىغان بولۇپ، ھەتتا پاختا تېرىش ۋە كاندا ئىشلەشتەك تۆۋەن ئىشلارغىمۇ ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلىنمايدىكەن. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ئاققۇنلار بولسا ئىش تېپىۋالغۇچە ھەقسىز سۇغۇرتا، ھەقسىز تۇرالغۇ جايدىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
ئاپتور يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاپتور بۇ سۆھبەت خاتىرىسى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ:
تىككۈچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىجىت ئىسىملىك كىشى 36 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ بىزگە:" ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تېپىشى بەك قېيىن. ھېچقانداق خىتاي مېنى ئىشقا ئالمايدۇ "دەپ ھال ئېيىتتى. ئۇ تىزلىرىنى پۈكۈپ ئولتۇرغان ھالدا يانچۇقىدا قالغان 4 دوللار پۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە 8 ئايلىق بولغان بالىسىنى قانداق قىلىپ بېقىشنى ئويلاۋاتاتتى. قەشقەردە يەنە بىر ئۇنىۋېرىسىتىت پۈتتۈرگەن 20 نەچچە ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت بولسا ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچىنى سۇدەك بىلگىنىگە قارىماي يەنىلا ئىش تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە، ئىچكىرىدىن تېخى يېڭىلا كەلگەن خىتايلارغا ھەر قانداق پۇرسەتنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرۈش، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. ئۇ " بىزنىڭ پۈتۈن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز، پەقەتلا پۇرسەتلەردىن تەڭ - باراۋەر بەھرىمان بولۇش" دەپ دەردىنى ئېيىتتى.
ئاپتور ماقالىدە يەنە بىر خىتاينىڭ سۆزىگە يەر بەرگەن بولۇپ ئۇ خىتاي ئاپتورغا مۇنداق دېگەن : " ئۇيغۇرلارنىڭ بىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ ئىشىنى تارتىۋالدۇق. مەن ھازىر ئۇيغۇرلاردىن رەسمىي قورقىدىغان بوپقالدىم. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە قارىغىنىمدا بىزگە بولغان قاتتىق غەزەپ - نەپرەتنى كۆرىمەن ". ئاپتور ماقالىسىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مانا بۇ ئەھۋالنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئىشسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە"بۇ ئەھۋال مۇشۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس " دېگەن ئىدى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان يەنە بىر ماقالىمۇ كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ماقالە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسلارنى پەرقلىق نوقتىلاردىن يورۇتۇپ بەرگەن.
"يا ئۇيغۇرلار بۇددىست بولغان بولسىدى ياكى خىتاي ئىسرائىل" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىنى ئاپتور مۇنداق دەپ باشلايدۇ: "بىچارە ئۇيغۇرلار - خاتا يەردە ئاز سانلىق ۋە مۇسۇلمان بوپ قالغان ۋە خاتا كىشى بىلەن دۈشمەن بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە دىنىي ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ كەلدى. ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال چەتئەللەردە سۈرگۈندە يۈرۈۋاتقان بۆلگۈنچىلەرنى ۋە مۇسۇلمان مىللىتارىست گۇرۇپپىلارنى ئەيىبلىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قولغا ئالدى. ئارقىدىن خىتايلار تۆمۈر توقماق ۋە قىڭراقلار بىلەن قوراللىنىپ ئۇيغۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن كوچىلارغا تۆكۈلۈپ كەتتى. ئۇيغۇر دىيارىدىن بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرنى كۆرۈپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم. ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇددىست بولغان بولسىدى، ب جورك، سىتڭ، بونو قاتارلىق ئۆزىنى مەزلۇملارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ يۈرىدىغان ناخشىچىلار ئاللىقاچان تىبەتلەرگە قىلغىنىدەك "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك" دەپ كونسېرت بېرىشكە باشلىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە ئامېرىكىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە دۇنياغا مال سېتىۋاتقان خىتاي بولمىغان بولسا، ۋەقەگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتى. خالاس، غەرب ئەللىرى بۇ ئىشقا قۇلىقىنى يوپۇرىۋالدىمۇ دەيلى، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى نەدە ؟ بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دىنسىز، كوممۇنىست خىتايلارنى ئەيىبلەيدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدىغۇ؟ مېنىڭ باشتا دېگىنىمدەك دۈشمەن خاتا بوپ قالغان. ئەگەر ئۇيغۇرلار پەلەستىنلىك، خىتايلار ئىسرائىل بوپقالغان بولسىدى، بۇ چاققىچە پۈتۈن ئەرەبلەر قوزغىلىپ كەتكەن بولاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلگىلا مەركەزلىشىپ قالغان. ئۇلار بۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىمۇ ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن خىتايلار بەك خۇشال...."
ماقالە ئاخىرىدا ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ: بۇ قېتىمقى ۋەقەدە مۇخبىرلار تانكىنىڭ ئالدىدا يالغۇز تۇرغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ رەسىمىنى دۇنياغا تارقاتتى. ئۇ ئايالنىڭ رەسىمى خۇددى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە تانكىنىڭ ئالدىدا يالغۇز تۇرغان خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ رەسىمىگە ئوخشاش، بۇ ۋەقەنىڭ سىمۋولى بوپ قالدى. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قەخرىمانى بار بولدى، ئۇلار داۋاسى بۇ رەسىم ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشى مۇمكىن.