تارىم ناخشىسى ۋە بىر دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەسرىتى

مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە خىتايدىكى مىليۇنلىغان ياشلار ماۋ زېدۇڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن سەپەرۋەر قىلىنىپ «قايتا تەربىيە ئېلىش» ئۈچۈن يېزىلارغا ئەۋەتىلىدۇ. دەبدەبىلىك سىياسىي چاقىرىقلارنىڭ قۇربانى بولغان بىر دەۋر ياشلىرى ئوقۇش ۋە بىلىم ئېلىشنىڭ ئورنىغا يېزىلاردا قارا ئەمگەك قىلىپ ياشلىق باھارىنى خازان قىلىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-02-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
1970-يىللاردا يېزىغا «قايتا تەربىيە ئېلىش» قا چۈشكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىلتىق كۆتۈرۈپ «خەلق ئەسكىرى» بولۇشى
1970-يىللاردا يېزىغا «قايتا تەربىيە ئېلىش» قا چۈشكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىلتىق كۆتۈرۈپ «خەلق ئەسكىرى» بولۇشى
Public Domain


«قايتا تەربىيە ئېلىش» دولقۇنى ئوخشاشلا ئاشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش تەشنالىقى، كېلەچەككە بولغان ئۈمىدى ۋە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنىمۇ كۆپۈككە ئايلاندۇرىدۇ. «يېزىغا چۈشكەن زىيالىي ياش» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان ياشلار ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارىنى بىھۇدە سىياسىي چاقىرىقلارنىڭ قۇربانى قىلىۋېتىدۇ. تارىم ناخشىسى ئەنە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە ياشلىق ھېسسىياتلىرىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە 40 يىلدىن بۇيان ئېيتىلىپ كەلمەكتە.

تارىم بويلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش Photo: RFA

بىز ئاشۇ دەۋرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، ھازىر ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سەلىمە كامال خانىم بىلەن تارىم ناخشىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يوقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت