پېشقەدەم تارىخىي شاھىد ۋە تەتقىقاتچى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئەسلىمىلىرى ( - 2)

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 84 ياشلىق ئەدەبىياتشۇناس باتۇر ئەرشىدىنوف بۇ يىل 84 ياشقا كىردى. ئۇ پۈتۈن ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن كىتاب ۋە شەئىر توپلاملىرى نەشىر قىلدۇردى. ئۇ تارىخىي شاھىد بولۇپ، 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپقا قاتناشقان ئىدى.

0:00 / 0:00

باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى تۆت يىل مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى قارمىغىدىكى ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوفىتسېرى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بەرگەن. 1950 - يىللاردىن كېيىن ھەربىي سەپتىن بوشاپ، مەمۇرىي ۋە ئىلمىي ساھەلەردە ئىشلىگەن.

سىلەر مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار نىڭ بۈگۈن باتۇر ئەرشىدىنوف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى بايانداي ھەربىي مەكتىپى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

1944 - يىلى 12 - نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مۇنتىزىم مىللىى ئارمىيە قۇردى. مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى 1947 - يىلىدىن ئېتىبارەن غۇلجا باياندايدا ھەربىي مەكتەپ ئېچىپ، تاكى 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر قانچە قارار ئاتلىق ۋە پىيادە قىسىملار ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيىلىدى. باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى ئەنە شۇ ھەربىي مەكتەپتە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ ھەربىي مەكتەپنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە دەرسلىكلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.