د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەندە پائالىيەتكە قاتنىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى - كېيىن ئېلان قىلغان باياناتلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ دېموكراتىك ئوبرازى ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەت بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ياكى رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق دىن چېكىنسە، ياكى دولقۇن ئەيسا د ئۇ ق باش كاتىپلىقىدىن ئىستىپا بەرسە، رابىيە خانىمنىڭ مۇۋاپىق پۇرسەتتە تەيۋەنگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدەك ئېغىر شەرتلەرنى تىلغا ئالغان.
2006 - يىلى تەيۋەنگە بېرىپ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەركىن شوغۇللانغان دولقۇن ئەيسا مەسىلىسىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۈگۈن كۆككە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ ؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى، گومىنداڭ خىتايلىرى بىلەن گۇڭچەنداڭ خىتايلىرىنىڭ ماھىيەتلىك پىرىنسىپلىرىدا پەرق يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتقا تارتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
