تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇچۇر - ئالاقە قاتتىق قامال قىلىنماقتا

رادىئومىز ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نامايىش خەۋەرلىرى قامال قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كەيپىيات بىردىنلا جىددىيلەشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە مەكتەپلەردە قوغداش خادىملىرى كۆپەيتىلگەندىن سىرت ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئالاقە تورلىرىغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەن. ھەتتا بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار تور بېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئەركىن مۇنازىرە مەيدانى تاقىلىپ قالغان.

ئىگىلىشىمىزچە، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلى تىبەت تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىشى، خىتايدا ئانا تىل مائارىپى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ زور ھېسداشلىقى ھەم قوللىشىغا ئېرىشكەن. تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي تىلىدىكى تور بەتلىرى ھەم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالاقە تورلىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىنكاس يېزىپ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالاقە تور بەتلىرىدە يېزىلغان ئىنكاسلاردا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستۇدېنتلار ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ "شىنجاڭ سىنىپلىرى" دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوللاش ھەم "ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش" سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىش چاقىرىقى ئىپادىلەنگەن يازمىلار ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلار ئاساسى ئورۇندا تۇرغان.

ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن، لەنجۇ، گۇئاڭجۇ، تيەنجىن، سەندۇڭ قاتارلىق شەھەر، ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالاقە تورلىرىدا "بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز، بىزمۇ نامايىش قىلىمىز" دېگەن تەشەببۇسلار كۆپەيگەن.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەلۇم تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان " قوش تىللىق ئوقۇتۇش" نامىدىكى خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش مائارىپىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: "بىز ئۇيغۇرلار ھازىر بىزگە تېڭىلىۋاتقان قوش تىللىق ئوقۇتۇش نامىدىكى بۇ خىل مائارىپنى قوبۇل قىلالمايمىز. ئۇلار (يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى دېمەكچى بولسا كېرەك) قوش تىللىق مائارىپى ئارقىلىق بىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىز ھەم مەدەنىيىتىمىزنى ئۆگىنىش ھوقۇقىمىزنى تارتىۋالدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىزمۇ نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەلىپىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز دېگەن مۇنازىرىلەر كۆپەيمەكتە."

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى "شىنجاڭ سىنىپى"دە ئوقۇۋاتقان يەنە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھەرقانداق بىرىمىز تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش تەلىپىنى قوللايمىز، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمىز. شۇڭا ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى تەشكىللىنىپ نامايىش قىلسا، ئارىمىزدىكى زور كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلار ئاۋاز قوشىمىز. ئەمما، بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان مەكتەپ دائىرىلىرى بىزنى يىغىۋېلىپ بىزگە ئالاھىدە تەربىيە خىزمىتى ئىشلەۋاتىدۇ. تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقىمۇ ئالاھىدە ياخشىلاندى. "

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ستۇدېنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىدىن چىڭخەيدىكى ھەم بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان. ئەمما، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشقا ئائىت خەۋەرلەرنى كونترول قىلغىنى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار نامايىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق خەۋەر ئالالمىغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، چىڭخەيدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى نامايىشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى قوللانغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان تاقالغان . ئۇندىن باشقا، قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتراپىدا ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەن. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بولسا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار كۆپەيتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەرنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق نامايىش ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان خىتاي تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىگە ئالدى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جاۋابكار بۆلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە يەرلىك دائىرىلەر رايوندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن قوشۇۋەتكەندىن كېيىن ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى بىلەن بۇ مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرىدا ئەدەبىيات قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما قوش تىللىق سىنىپ نامىدا ئاتالغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن باشقا بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان "قوش تىللىق" مائارىپ سىياسىتىنى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تولىمۇ سولچىل ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا مائارىپ ئىدارىسىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ھەم ئىلمىي جەھەتتىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى يولغا قويۇشى نەتىجىسىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندا ھازىر ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ يەنىلا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىدا يېزىلغان "تىبەت ئانا تىلىنى قوغداپ، جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرەيلى" دېگەن شوئار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، "ئەلۋەتتە جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىلىنى قوغداش ھەققى بار ‏ - دە، چۈنكى دۆلەت ئۆزى جۇڭخۇئا مىللەتلىرى بارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ تەكىتلەۋاتقاندىن كېيىن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ئەمەلىيەتتە جۇڭخۇئا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش دېگەنلىكقۇ؟!" دېگەن جۈملە بىلەن ئۆز سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدا "قوش تىللىق مائارىپ"نىڭ تىبەتلەردىن ئىلگىرى يولغا قويۇلغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ تىبەتلەردىنمۇ كۈچلۈكلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەگەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" نامى ئاستىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزمىسە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، بۇندىن كېيىن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دەك ۋەقەلەرنىڭ يەنە قوزغىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرگە ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا "قوش تىللىق مائارىپ" نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى يەنە مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، بۇ رايونلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقى بارغانچە ئېشىپ، بۇ رايونلاردا تېخىمۇ زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.