تىبەتلەر خىتاينىڭ 'ئازادلىق' دېگەن ئاتالغۇسىنى قوبۇل قىلمايدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۈگۈن تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى قانۇن تىكلەش ئورگانلىرىغا، بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن ھىمالايا رايونىدا يۈز بەرگەن مۇستەقىللىق قوزغىلىڭىنى خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرغان كۈننى 'مىليونلىغان قۇللارنىڭ ئازادلىق كۈنى' دەپ بايراملاش توغرىسىدا قارار ماقۇللاتتى.

0:00 / 0:00

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 1959‏ - يىلى 3 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى تىبەتلەرنىڭ مەنىۋىي داھىسى دالاي لاما تىبەتتىن ھىندىستانغا مۇھاجىرەتكە ئاتلانغان بىر كۈن - - - سىياسىي جەھەتتە ناھايىتى سەزگۈر كۈن ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ كۈندىن باشلاپ تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، تىبەتنى خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونى قىلىپ قۇرۇشقا باشلىغان كۈن ئىدى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ كۈندىن باشلاپ تىبەتنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى دەپ جاكارلاپ كەلمەكتە.

'ئازاد قىلغانلىق' مۇ ياكى 'قۇلغا ئايلاندۇرۇلغانلىق'مۇ دېگەن پىكىر ئىختىلاپى

ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى ئالدى بىلەن 'ئازادلىق' دېگەن ئاتالغۇغا مەركەزلەشتى. كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇۋانى 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بۈگۈن، 1959‏ - يىل 3 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنىنى تىبەتتىكى يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمران گۇرۇھ توپىلاڭ كۆتۈرگەن كۈن، دۆلەت كابىنېتى توپىلاڭنى تېز باستۇرۇپ، تىبەت ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىپ ۋە ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن فېئودال قۇللۇق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ، مىليونلىغان قۇللارنى ئازاد قىلغان كۈن، دەپ جاكارلىدى.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى تېبەت ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تىبەتلەرنى 'ئازاد قىلدۇق' دېگىنىنى رەت قىلدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى تېبەت ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى داۋاسېرىن بۈگۈن "ھازىرقى ۋەزىيەتتە، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق قوزغىلىڭى كۈنىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'تىبەتنى ئازاد قىلغان كۈن' دەپ تەشۋىق قىلىشقا كىرىشكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەتتە بۇ كۈن " تىبەتلەر خىتاينىڭ قۇللىرىغا ئايلاندۇرۇلغان كۈن" دەپ جاكارلىدى.

دالاي لاما بۈگۈن يەنە خىتايدىن ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، باشتىن - ئاخىرى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىدە تىبەتكە بەرگەن ۋەدىلىرى بۇيىچە ھەققى ئاپتونومىيە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللي بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان دالاي لاما بۈگۈن ھىندىستاندا تۇرۇپ يەنە، خىتاينىڭ ئاپتونومىيىسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاپتونومىيە ھەققىدە تىبەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىدىكى بىر چوڭ ئۆزگىرىش

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيىدىكى بونن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ شۆۋۇ ئەپەندى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ' تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق قوزغىلىڭى كۈنى بولغان 28‏ - مارت كۈنىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 'قۇللارنىڭ ئازادلىق بايرىمى' دەپ بېكىتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى جىددىي مەسىلىلەرگە قاراتقان سىياسىتىدىكى چوڭ ئۆزگىرىش' دېدى.

بۇ مۇتەخەسسىسىنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنداق قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، تىبەتتە مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن تىبەتتىكى دىنىي ئەربابلارنى قاتتىق كونترول قىلىش، ئىككىنچىدىن تىبەتنى ئېچىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى قوللۇق سىياسەت قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسەت ياخشى ئۈنۈم بەرمىگەن ئىدى. ئەمدى 'قۇللارنىڭ ئازادلىق بايرىمى' دېگەن تەشۋىقات ئارقىلىق، دۇنياغا خىتاي تىبەتلەرنى ئەزمىگەن دەپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دۇنياغا كىم چىرايلىق ھېكايىلارنى سۆزلەپ بەرسە، شۇنىڭ گېپى ئاقىدۇ، دەپ قاراۋاتسا كېرەك.

ۋاڭ لىشيۇڭ: بۇ خىتاينىڭ نومۇسسىزلىقى

خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ بۈگۈن ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە، تىبەتلەرنىڭ ئەڭ چوقۇنىدىغان دىنىي، مىللىي داھىسى دالاي لاما ئۆزىنىڭ يۇرتىغا بارالماي، ئۆيىگە قايتالماي، باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالدى.

دالاي لاما پەقەت تىبەت مەدەنىيىتىنى، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش ئۈچۈنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شۇ قەدەر قاتتىق ھاقارەتلىنىشىگە قارىماي، ئۆزلىرىنى باستۇرۇۋاتقان خىتايغا يەنىلا تىنچ ھەم سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، تىبەت مەسىلىسىدە ئىزچىل يول قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىللىق ئەمەس، پەقەت ھەقىقىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئەمما سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى. بەلكى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىرلىكسەپ مىنىستىرى دۇ چىڭلىن سەككىزىنچى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيىنى تەلەپ قىلىۋاتقان دالاي لاماغا 'تىبەتنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇستەقىللىقىغا، ھەتتا يېرىم مۇستەقىل بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ' دەپ جاۋاب قايتۇردى. بۇ خىتاينىڭ نومۇسسىزلىقى.