توختى موزاتنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى بولۇپلا قالماستىن، بۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ياپونىيىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن 11 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ھېسابلانغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى توختى موزات ئەپەندى 1998 - يىلى ياپونىيىدىن ماتېرىيال توپلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە كەلگەندە تۇتقۇن قىلىنىپ، " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان" دېگەن جىنايەت بىلەن 11 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىپ كەلمەكتە. توختى موزاتنىڭ بۇ تەقدىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
دۇنيا قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە قانۇنى ھوقۇقىنى قوغداشنى تۈپ مەقسەت قىلغان " خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى" خىتاي تەرىپىدىن جىنايەتچى سۈپىتىدە تۈرمىگە قامالغان توختى مۇزاتنى 2002 - يىللىق Barbara Godsmith يېزىقچىلىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ياپونىيىنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇپ تارىخ پەنلىرى بۇيىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن توختى موزاتنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى، 1998 - يىلى 6 - فېۋرالدا ياپونىيىدىن ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىغىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ 50 يىل ئىلگىرىكى كونا ماتېرىياللارنىڭ كۈتۈپخانا خادىمىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ياپونىيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 10 - نويابىردا توختى موزاتنى " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئوغرىلاپ بەرگەن" شۇنىڭدەك "يىپەك يولىنىڭ ئىچكى ھىكايىلىرى" ناملىق ياپونىيىدە ئېلان قىلىنغان كىتابى ئۈچۈن، " دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، 12 يىللىق قاماق جازاسى ۋە ئىككى يىل سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش جازاسى بەرگەن.
ئىلغار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ تەرىپلىنىپ كەلگەن توختى موزارتنىڭ بىگۇناھ قولغا ئىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، يالغۇز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىى تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالماستىن، ئامېرىكا، ياپونىيە شۇنىڭدەك باشقا بىر قانچە دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن توختى موزاتنى دەرھال تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشنى ئىزچىل تۈردە تەلەپ قىلدى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جازا مۈددىتىنى بىر يىل قىسقارتقان بولسىمۇ، ئۇنى 11 يىلغا قەدەر قاماق ئاستىغا ئالدى.
بۇ ئارىدا ياپونىيىدە چىقىدىغان سانكەي شىنبۇن ۋە يومىئۇرى گېزىتلىرىنىڭ شەنبە كۈنى، توختى موزاتنىڭ 10 - فېۋرال كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى، ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى سۆيۈندۈردى. توختى موزاتنىڭ كەسىپدىشى ھېسابلانغان، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، توختى موزاتنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئۆز ھاياجانىنى ئىپادىلىدى.
11 يىلدىن بۇيان ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان رابىيە خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، توختى موزاتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ، ھەقىقىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ياپونىيىگە ساق - سالامەت قايتىپ كېلىپ، ئۆزى ۋە بالىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا چىن قەلبىدىن تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
توختى موزاتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشىدىن سۆيۈنگەن توكيو مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە توكيو قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لىكتورى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىللىرى بۇيىچە تەتقىقاتچىسى نائوكا خانىم مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ياپونىيىدىكى لىبىرال دېموكراتلار پارتىيىسى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس يىغىن چاقىردى. يىغىنغا ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئوخشاشلا لىبىرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى تارو ئاسۇ ۋە سابىق باش مىنىستىر ئابى شىنزۇ قاتناشتى. مەزكۈر يىغىندا توختى موزاتنىڭ ئايالى رابىيە خانىم، ئۆزىنىڭ ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرمۇ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. رابىيە خانىم سابىق باش مىنىستىر ئابى شىنزۇنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى، بولۇپمۇ رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە پۇقرالىق سالاھىيىتى ئابى شىنزۇنىڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلدى.
نائوكا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، توختى موزاتنىڭ ياپونىيە توكيو ئۇنىۋىرسىتېتىدىكى پروفېسىسورى سۇگىتاكا ساتۇ خىتايدىن توختى موزاتنى قويۇپ بېرىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 66 ياشلىق پروفېسىسور سۇگىتا ساتۇ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى باشقا پروفېسىسورلار، توختى موزاتنىڭ تۈرمىدىن چىقىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، بولۇپمۇ توختى موزاتنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ 10 - فېۋرال كۈنى تۈرمىدىن چوقۇم چىقىشىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان. نائوكا خانىم سۆزىدە يەنە، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا، توختى موزاتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كەتكەن ياپۇنلۇق پروفېسىسور ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ، توختى موزات قاماپ قويۇلغان ئاپتونوم رايونلۇق 3 - تۈرمە ئالدىدا قاتتىق سوغۇققا قارىماي، ئۇنىڭ تۈرمە ئىچىدىن چىقىشىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بەردى.
بىز ئاپتونوم رايونلۇق 3 - تۈرمىنىڭ نۆۋەتچى بۆلۈمىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، توختى موزاتنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتۇق. نۆۋەتچى خادىمى بىردەم، بۇ شەخسى ئۆي دىسە، بىردەم بۇ كىسلاروت زاۋۇتى دەپ، بىزگە توختى موزات توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشتىن باش تارتتى. گەرچە تېلېفۇن سۈرۈشتۈرۈش باش ئاپاراتى 114 بىزگە 3 - تۈرمىنىڭ تېلېفۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتچى خادىم مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن قايتا - قايتا " بۇ يەر تۈرمە ئەمەس " دەپ جاۋاب بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق 3 - تۈرمىنىڭ ئىش بىجىرىش بۆلۈمىدىكى خادىممۇ ئوخشاشلا، توختى موزارتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ بۇ ھەقتە بىر كۈن كېيىن سۈرۈشتۈرۈشىمىزنى بىلدۈرۈپ، تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى.