بۈگۈن ئۇيغۇر چارۋىچىلار پارتكوم ئالدىغا قايتىدىن توپلىنىپ يەنە نارازىلىق بىلدۈردى. بۈگۈن خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئارىلىشپ، ئۇلارنىڭ پارتكوم ئالدىدا تۇرۇشىغا يول قويمىغان؛ نەتىجىدە ئۇلار ئەرزىيەت ئىدارسىدا دائىرىلەر بىلەن قايتىدىن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇرلانغان. ئەممۇ بۇ قېتىم سۆھبەتمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىغا توپلانغان توقسۇنلۇق چارۋىچىلارنىڭ سانى بۈگۈن يەنە كۆپىيىپ 60 قا يېقىنلاشقان. لېكىن خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ پارتكوم بىناسى ئالدىدا توپلىشىپ تۇرۇشىغا ئۇزۇن يول قويمىغان. ساقچىلار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىش ۋە ئىتتىرىش - تۈرتۈشۈش يۈز بەرگەن. چارۋىچىلار ئەرزىيەت ئىدارىسىدا سۆزلىشىشكە يەنە ماقۇل بولغان. ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە، دائىرىلەر 88 - نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ھەققىدە يەنە مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇلار چارۋىچىلارنى يېزا ۋە ناھىيىدىن ئىسپات خېتى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلغان. چارۋىچىلار ھۆكۈمەتنىڭ بۇرۇن بەرگەن ۋەدىلىرىنى دائىرىلەرگە ئەسلىتىپ ئۆتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 88 - نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈلۈشنىڭ ئالدىدا، يەنى دائىرىلەر بىر قىسىم يايلاقنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇر چارۋىچىلارغا يايلاقلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆلەم بېرىشتىن باشقا، ئۇلارنى ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىغا ئالدىغانلىقى، قورو جايلىق يەر بېرىدىغانلىقى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، توۋەن كاپالەت پۇلى بېرىدىغانلىقى قاتارلىق ۋەدىلەرنى بەرگەن. لېكىن يايلاقنى ئېلىۋېلىپ بۇ دېگەنلىرىنىڭ ھېچبىرىنى قىلىپ بەرمىگەن. ئارىلىقتا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت غولبۇيى يېزىسىدىكى چارۋىچىلارغا 182كۋادىرات مېتىردىن ئۆي ئورنى بەرگەن؛ بۇنى 15 مىڭ يۈەندىن سېتىپ بەرگەن. ئەمدىلىكتە بۇ جايلىق يەرنى شۇ تارتىۋېلىنغان 410 مىڭ يايلاق ئۈچۈن بېرىلگەن تۆلەم دەپ چۈشەندۈرگەن. چارۋىچىلار بولسا، بۇ جايلىق يەرنىڭ ئەينى چاغدا تۆلەم دەپ بېرىلمىگەنلىكىنى، تۆلەم دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، 1000مو يەر بەدىلىگە بىر پۇڭ يەر بېرىشنىڭ ھەقسىزلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
چارۋىچىلار ۋەكىلى مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: «410 مىڭ يېرىمىزنى شىركەتلەر ۋە كارخانىلار، كۆچمەنلەر ئىگىلەپ كەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار. 100مولۇق، مىڭ مولۇق يايلاقىلىرىمىزغا خەنزۇلار بىر قانچە يۈز تۈپ كۈچەت تىكىپ قويۇپ ئەتراپىنى قورشاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى؛ ھازىر ئۇنىڭ موسىنى 700مىڭ، 800 مىڭ يۈەنگە ساتمايۋاتىدۇ.»
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا، توقسۇن چارۋىچىلىرىنىڭ ھەققانىي سادالىرىغا دائىرىلەر سەمىمىلىك بىلەن قۇلاق سالمىغان. چارۋىچىلارنىڭ تەلەپ - پىكىرلىرىنى بايان قىلىش جەريانىدىكى يۇمشاق تەلەپپۇزى، تەرتىپ ئىنتىزاملىق يۈرۈش - تۇرۇشى، دائىرىلەر تەرىپىدىن قەدىرلەنمىگەن، بەلكىم بۇ ئاجىزلىق دەپ قارالغاندەك. دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل پوزىتىيىسى ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. لېكىن ئوتتۇرىدىكى مەسىلە زېمىن مەسىلىسى، يەنى بۇ چارۋىچىلارنىڭ ئۆزىنىڭلا ئەمەس، كەلگۈسى نەچچە ئەۋلاد پەرزەنتلىرىنىڭمۇ رىسقى مەسىلىسى بولغاچقا، ئۇلار داۋاسىنى يەنىلا قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرماقچى.