مەركىزى ياۋرۇ ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مەركىزى ياۋرۇ ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئايرىم مۇھاكىمە تېمىسى قىلىنغان بولۇپ، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىل سىياسى پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز يىغىن ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى كانادا مەتبۇئات ساھەسى، ئىلمىي مۇھاكىمە ساھەسى ۋە سىياسى ساھەلەردىكى يۆنۈلۈشى ھەققىدە مەمەت توختى ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.