"
[ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىكى دوكلاتى"Opens in new window ]
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بيۇروسى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم تەييارلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا سۇنۇلىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ "2009 - يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى" 2009 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر تارقىتىلغان ئىدى.
بۇ دوكلاتتا، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دەرىجىسى باھالىنىپ چىققاندىن باشقا، شۇ خىلدىكى دۆلەتلەردە مەۋجۇت دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلات دۇنيادىكى قىتئەلەر ۋە رايونلار بويىچە تۈرگە ئايرىلغان. دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىدا، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇش ئەھۋالى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتايدىكى بۇ خىل ئەھۋاللارنى تۈگىتىش ھەققىدە تەكلىپ ، پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
رادىئومىز بۇ ھەقتە 2009 - ئۆكتەبىردە بىر تەپسىلىي خەۋەر ئىشلىگەن ئىدۇق. بۇ نۆۋەت مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنىشى ھەققىدە توختىلىمىز.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بيۇروسى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسى خادىمى ئالېكساندىر مىكلارېن ئەپەندى، ئۆز بيۇروسىنىڭ تەلىپى بويىچە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ، شۇ دوكلات قارىتىلغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
"ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىز يەنە بۇ دوكلاتنى شۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىمىز. شۇ ۋەجىدىن بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەرجىمانلىق مۇلازىمەت بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسمىنى يەنە ئۇيغۇرچە ۋە تىبەتچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا تەرجىمە قىلدۇق."
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان شۇ خىلدىكى دوكلاتلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: " ئۇيغۇرچىغا شۇنداق. مەنچە بۇ خىلدىكى دوكلاتلار بۇرۇن تىبەتچىگە تەرجىمە قىلىنغان، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى."
مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش ھەرخىل دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئۈستىدە توختالغان ئۇيغۇر يازغۇچى كۈرەش ئاتاخان، بۇنىڭ كىشىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرۇدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمى ئالېكساندىر مىكلارېن ئەپەندى بۇ خىلدىكى دوكلاتنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز بۇ دوكلاتتىكى ئۇچۇرلارنى ئامال بار كۆپرەك ئادەملەرگە يەتكۈزۈشنى خالايمىز. ئەلۋەتتە بۇنى شۇ مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىشمۇ، شۇ مەقسەتكە يېتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى."
مىكلارېن ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ۋە دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتلىرىنىڭ يەنە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقى ھازىرچە بېكىتىلمىگەن.
ھازىر گېرمانىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى كۈرەش ئاتاخان ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ خىلدىكى دوكلاتلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قىلىپ كېلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان چەكلىمىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.