تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟ (1)

تۈركىيە گۈنلۈگۈ يەنى تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى ناملىق ژورنال 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس سان نەشىر قىلغان ئىدى. ژورنالنىڭ بۇ مەخسۇس سانىدا ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، ئەنقەرە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ماقالىلىرىدىن باشقا، مۇغلا ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. سەلچۇق چولاقوغلۇ يازغان "تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندى ماقالىسىدە، تۈرك - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ بېرىشكە تىرىشقان.

ئۇ ماقالىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا 1991 - يىلىغىچە تۈركىيىنىڭ رەسمى بىر ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ يوقلىقىنى، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئىلىم ئادەملىرىنىڭمۇ يوقلىقىنى، 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ، خىتاي ۋە رۇسىيىگە قاراتقان سىياسىتىگە قاراپ سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى يازغان.

ئۇ ماقالىسىدە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى 3 باسقۇچقا بۆلۈپ ئاڭلاتقان.

ئۇ، ماقالىسىنىڭ "شەرقىي تۈركىستاننى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش مەزگىلى"دەپ ئاتالغان بۆلۈمىدە تۈركىيىنىڭ 1991 - 1996 - يىلىغىچە بولغان شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيە ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن پارچىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى مىللەتلەر ھېچقانداق مۇجادىلە ئېلىپ بارماستىن بىر كېچىدىلا مۇستەقىللىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تۈركىيە بۇنى چوڭقۇر چۈشەنمەستىن يېڭى مۇستەقىل بولغان قېرىنداش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن كۆپ ئۇمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى. شۇنداقلا تۈركىيە بۇ دۆلەتلەرگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى.

ئۇ يىللاردىكى تۈركىيە ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا " ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە تۈرك دۇنياسى"، "21 - ئەسىر تۈرك ئەسىرى بولىدۇ"، دېگەندەك شوئارلار كەم بولمىغان ئىدى. تۇرغۇت ئۆزال ۋە سۈلايمان دېمىرەل تۈركىيىنىڭ رېئىس جۇمھۇرى مەزگىلىدە ۋە تانسۇ چىللەر خانىم باش مىنىستىر بولغان مەزگىللەردە بۇ خىل ھېسسىياتچان سۆزلەر كۆپ دېيىلگەن ئىدى. ئۇ يىللاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەن ئىدى. تۈركىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئاغزىدىن شەرقىي تۈركىستان خۇددى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاشلا مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ، دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق. بۇ گەپلەر خىتاي دۆلىتىنى شۇنداقلا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ماقالىسىدە ئۇ يىللاردا تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن مىساللار كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

تۈركىيە دۆلىتى 1991 - يىلى 11 - ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى رەسمىي قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن تۈركىيىنىڭ باش مىنىستىرى سۇلايمان دېمىرەل، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەردال ئىنۆنۈ، ئانا ۋەتەن پارتىيىسى باشلىقى مەسۇت يىلماز، رەفاھ پارتىيىسى باشلىقى نەجمەتتىن ئەرباقان، مىللىيەتچى چالىشما پارتىيىسى باشلىقى ئالپارسلان تۈركەش ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بۇ ئۇچرىشىشلاردا باش مىنىستىر سۇلايمان دېمىرەل، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەردال ئىنۆنۈ، پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ب د ت ۋە خەلقاراغا ئېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

1992 - يىلى 3 - ئايدا تۈركىيە رېئىس جۇمھۇرى تۇرغۇت ئۆزال ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمدى مۇستەقىللىق نۆۋىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. تۈرغۇت ئۆزال ئەيسا ئەپەندىگە يەنە تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

تۈركىيە ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بۇنداق قوللاپ قۇۋۋەتلىشى خىتاينى ئىنتايىن بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ رەسمى دۆلەت ئاخبارات ئورگانى "رېنمېن رىباۋ" گېزىتىدە 1992 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە "ئەگەر تۈركىيە بۆلگۈنچىلەرنى قوللاشقا داۋام قىلسا، خىتاي دۆلىتى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك يولنى سانايدۇ" دېيىلگەن. بۇ ماقالىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيەنى بۈيۈك تەھدىت دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ماقالىسىدە، 1995 - يىلىدا ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ئاخمەت مەيدانىدىكى بىر باغچىغا ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئىسمىنىڭ بېرىلگەنلىكىگە، سابىق ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى، ھازىرقى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىگە يەر بەرگەن. ئۇ قىلغان سۆزىدە باغچىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈيۈك رەھبىرىنىڭ ئىسمىنىڭ بېرىلگەنلىكىدىن قاتتىق خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ 95 يىللىق ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن بېغىشلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت رەئىسى سۇلايمان دېمىرەل، باش مىنىستىر تانسۇ چىللەر ۋە تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى مۇستافا قەلەملى ئەپەندىلەر تەبرىكلەپ گۈلچەمبىرەك ئەۋەتكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى ئەتىسىلا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە خەت يېزىپ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتىڭ، دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، تۈركىيىنىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمىتىگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى دەپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا جاۋاب بەرگەن.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ماقالىسىدە تۈركىيىنىڭ ھېسسىياتقا تايانغان تۈرك دۇنياسى سىياسىتىنىڭ، 1991 - يىلىدىن تارتىپ موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ تۈركىيىنى پانتۈركىست سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازيىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتقانلىقىنى يازغان.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ "تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، 1997 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلنى، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىمەن دەپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇشقا باشلىغان مەزگىل دەپ ئالغان.

1997 - يىللاردىن باشلاپ خىتايلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىنى ياخشىلاشقا تىرىشتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىستانبۇل شەھەرلىك كۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما شەھەر باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باغچىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىدۇ دەپ قارشى چىققان. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى تۈركىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى قوماندانى ئىسمائىل قارادايىنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى بىلەن يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى جىئاڭ زېمىن ۋە خىتاي ئارمىيىسى باش شىتابى باش قوماندانى چى خاۋتىئان بىلەن ئۇچراشقان. بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە خىتايدىن قورال - ياراق ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

دەل بۇ مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يائو كۇئاڭيى 1997 - يىلى 2 - ئايدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

شۇنداقلا دەل بۇ پەيتتە، تۈركىيە مىللىي مۇداپىيە مىنىستىرى تۇرخان تايان ئەپەندى 1997 - يىلى 2 - ئايدا غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە بايانات بېرىپ، خىتايلانى غۇلجا ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ باياناتىدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركلەر بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ "تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكمۇ ياكى توسالغۇمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بۇ ۋەزىيەتنىڭ 1998 - يىلىغا كەلگەندە خىتايغا پايدىلىق ھالدا راۋاجلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

1998 - يىلى 5 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان تۈركىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۈلەنت ئەجەۋىت خىتاي رەئىس جۇمھۇرى جىئاڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئۇچرىشىشتا خىتايلار تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا جاۋابەن بۈلەنت ئەجەۋىت خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 1999 - يىلى بۇ ھۆكۈمەت تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويىدىغان بىر ھۆججەت چۈشۈرگەن ئىدى. بۇ ھۆججەتتە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ قاتناشماسلىقى بەلگىلەڭەن. 2000 - يىلى 4 - ئايدا جىئاڭ زېمىننىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆپ ساندا توختامنامە ئىمزالانغان.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ ماقالىسىدە، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتايغا بەزى جەھەتلەردىن ئازراق يول قويغان بولسىمۇ، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ خىتايلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان:

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەل جىئاڭ زېمىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، بىز خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇغقانچىلىقىمىز بار. بىز ئۇلارنىڭ باياشات ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆۋۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېگەن. خىتاي دۆلەت باشلىقى جىئاڭ زېمىن بۇ سۆزگە جاۋابەن، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تۈرك كارىخانىچىلىرىنى بۇ رايوندا سەرمايە ئەكىرىشكە چاقىرغان. ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر كومىتېت قۇرۇلمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى يەنىلا خىتايلارغا تاشلاپ بېرىلگەن.

در. سەلچۇق چولاقوغلۇ كېيىن يەنە تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە جانلىنىش پەيدا بولغان بولسىمۇ 2003 - يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

2001 - يىلى 1 - ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاڭ جىئاشۈئەن، 2002 - يىلى 4 - ئايدا خىتاي باش مىنىستىرى جۇ روڭجى تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى. 2001 - يىلى تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى دەۋلەت باغچەلى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلدى. بۇ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. 2003 - يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ پارتىيىمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. بۇ ھۆكۈمەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، نەتىجە بۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 2005 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي تۈرك مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى.