«31‏-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيى» يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2011‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ 24‏-كۈنى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا «31‏-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2011.12.27
sirajidin-Azizi-sozde-305.jpg «31‏-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيى» يىغىنىدا سىراجىدىن ئەزىزى سۆزدە. 2011-يىلى 24-دېكابىر، شۋېتسىيە.
RFA/Arslan

بۇ يىغىنغا شىمالىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ۋە ئەنگلىيە، ئىراق، پەلەستىن، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتتىن مۇسۇلمان ئالىملار قاتناشتى. يىغىنغا يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلارمۇ قاتناشتى. گېرمانىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن. گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا قارى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت توختى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ رىياسەتچىسى سىراجىدىن ئەزىزى قاتارلىق كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلارمۇ قاتناشتى.

xelqaraliq-islam-qurultiyi-385.jpg
«31‏-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيى» يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 24-دېكابىر، شۋېتسىيە.
RFA/Arslan

بۇ يىغىن 12‏-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26‏-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلىنغان. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان 10 مىنۇتلۇق ئەرەبچە ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر زىيالىي سىراجىدىن ئەزىزى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

سىراجىددىن ئەزىزى سۆزنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە خىتاي ماللىرىغا بايقۇت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىراقتىن كەلگەن ۋەكىل نىمەت قۇباسى سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا يەنە ئەنگلىيىدىن كەلگەن ۋەكىل، دىئالوگ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دىكتورى ئەززام ئەلتەممى خىتاينىڭ ئەرەب باھارىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتايلار ئەرەب باھارىدىن كۆپ بىئارام بولماقتا، چۈنكى خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى يېڭى ھاكىمىيەتلەردىن بۇرۇنقىدەك كۆپ پايدىلىنالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئەرەب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر شەرقىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، دېدى.

يىغىندا سۆز قىلغان پەلەستىنلىك ۋەكىل سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پەلەستىننىڭ روھانىي لىدەرى ئەھمەد ياسىن تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا يېزىلغان «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق رومان كىتابنىڭ پەلەستىندە يۈز مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق پەلەستىن خەلقى شەرقىي تۈركىستاننى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان مىسىرلىق ۋەكىل دوكتور خىزرە سۆزىدە مۇنداق دېدى: بىز ئەرەب دۇنياسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش مۇھىم ئىسلام داۋالىرىنى ئۇنتۇپ قالدۇق. مانا بۇلار بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز، بىز بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيتتۇق، بۈگۈندىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق. سىراجىدىن ئەپەندى دېگەندەك ئۇلارغا پەقەت دۇئا قىلىش بىلەنلا كۇپايلىنىپ قالماستىن، ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلار بىلەن بىرگە بۆلىشىمىز كېرەك. قولىمىزدىن كەلگۈچە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز لازىم، دېدى. ئۇ يەنە سۆزىدە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان كۆپىنچە ئالىملار ئۆز نۆۋىتىدە شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەردىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن سوئال سوراپ يىغىننىڭ كەيپىياتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش بىلەن جانلىنىپ كەتتى. يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە بولۇپ كەتكەندىن كېيىن رىياسەتچى يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا يەنە مەركىزى لوندونغا جايلاشقان دىئالوگ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دىرېكتورى دوكتور ئەززام ئەلتەمىمى، مەزكۇر تېلېۋىزىيىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئوخشاش مۇھىم داۋاغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.