يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ پروگرامما تارقىتىپ كەلمەكتە. بۇ تېلېۋىزىيە قانىلىدا تۈرك دۇنياسىدىكى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە شۇنداقلا تارىخى، سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلىپ كەلمەكتە.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا تۈركىيە ئىستراتېگىيە چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش باسقۇچلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىندى.
پروگرامما جەريانىدا دوكتور ئەركىن ئەمەت پروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىسقىچە تارىخى، خىزمەت-پائالىيەتلىرى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رولى توغرىسىدا توختالدى.
پروگراممىدا يەنە دوكتور ئەركىن ئەكرەم، رىياسەتچىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەسلىدە 1884-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شەرقىي تۈركىستان تۇنجى قېتىم 1884-يىلى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى داۋام قىلدى. بۇ كۈرەش 1949-يىلدىن كېيىن چەتئەللەرگە كېڭەيدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا ۋەزىيىتى بىر سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە كىردى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇ سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن كۆمۈلۈپ قالدى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن ھەر خىل مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن خەلقئارا سەھنىگە چىقتى.»
دوكتور ئەركىن ئەمەت، رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى تولۇق ئىجرا قىلىنماستىن قەغەز ئۈستىدە قالدى، ھېچبىرى ئەمەلىيلەشمىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر تۈرى 1989-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى. بىزنىڭ خەلقىمىز ھەر خىل بېسىم سەۋەبىدىن تەرەققىي قىلالمىغان مۇسۇلمان بىر خەلق. ساغلىق جەھەتتە يېتەرلىك ئىمكانىيەت يوق. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىدىن مىسال ئالىدىغان بولساق، مەن كىچىك ۋاقتىمدا، بىر قانچە مىڭ كىشىلىك بىر يېزىدا ھەر يىلى 250 ئەتراپىدا ھامىلە ئايالنىڭ قارنىدىكى بوۋاقلىرىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل يېزىلىرىدا قانچىلىك ھامىلە ئاياللارنىڭ بالىلىرى قارنىدىن مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بىر يېزىدا يىلدا 250 ھامىلە ئايالنىڭ بوۋاقلىرى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل يېزىلىرىدا قانچىلىك بوۋاق چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ھېسابلايدىغان بولساق ناھايىتى قورقۇنچلۇق كۆپ سان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 85% ئى يېزىلاردا ياشايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ ساندا ئىشسىز ئىنسانلار بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەۋاتىدۇ. ھازىر شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ 50% ئىنى خىتايلارنى ئىگىلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلىدۇ. خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىغا ھۇجۇم قىلىپ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى چەكلىدى. دىنىي بېسىم ئېغىر، كىشىلەر خالىغانچە ئىبادەت قىلالمايدۇ، ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەيدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە، تۈرك ياشلار ياۋروپاغا ھەۋەس قىلغانغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ تۈركىيىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى نېمە؟ خەلقئارا جامائەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستان تۈركىيە زېمىنىنىڭ ئىككى يېرىم ھەسسىگە باراۋەر، ئەمما كۆپلىگەن تاغ ۋە چۆللەردىن تەركىب تاپقان بىر رايون بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆللەردىن بىرى دەپ ئاتالغان تەكلىماكان چۆلى بۇ رايونغا جايلاشقان. ئەمما تەكلىماكان چۆلىدە كۆپ مىقداردا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بار. تاغلاردا ئالتۇن، ئۇرانغا ئوخشاش قىممەتلىك ماددىلار بار. شەرقىي تۈركىستان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن بىر قانچە چوڭ كۈچنىڭ قىزىقىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ رايون خىتاي ئۈچۈنمۇ بەك ئەھمىيەتلىك. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىياغا چىقىش ئىشىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىشىك تاقالغان ھامان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا چىقالمايدۇ. خىتاي ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا چىقىش ئۈچۈن تەيۋەندىن ئۆتۈش كېرەك بولىدۇ، ئەمما تەيۋەن بىلەن ئوتتۇرىسىدا مەسىلە بار. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى خىتايغا يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى ئورناتتى. شەرقىي تۈركىستاندا بىر مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان بۇ تۇرۇبا لىنىيىسى كېسىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاي ئۈچۈن بىر بازار، ئوخشاش ۋاقىتتا خام ماددا مەركىزى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە تۈركىيىگە باغلىنىشى شەرقىي تۈركىستانسىز مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئورنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيا جامائىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئەمما ياۋروپادا، ئامېرىكىدا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تارىختا ھونلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا كۈرەش قىلىدىغان سەھنە ئىدى. كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ئەرەبلەر، تىبەتلەر ۋە خىتايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەرگە سەھنە بولغان ئىدى. 19-ئەسىردە يەنە رۇس، خىتاي ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەرگە سەھنە بولغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ چوڭ كۈچلەرنىڭ كۈرەش سەھنىسى بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا 1933-يىلى 1944-يىللاردا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلدى. 1945-يىللاردا ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغان بولسىمۇ ئەمەلىيلەشمىگەن. شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاي ئۈچۈن بىر ئاجىزلىق نۇقتىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى خالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا جامائەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قارايدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، رىياسەتچىنىڭ تۈرك دۇنياسى خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش دۆلەتلەر، رۇس ۋە خىتايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە. ئوتتۇرا ئاسىيا مۇداپىئەلىنىشكە ئەپسىز بىر ئورۇن. بۇ دۆلەتلەر خىتاي ۋە رۇستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. خىتاي تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيانى 4 قېتىم ئىشغال قىلغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاينىڭ كۆزى ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بۇنى ياخشى بىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققەت بىلەن قارايدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمغان بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ۋەزىيەتتە ئەمەس. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولغان تەقدىردە بۇ دۆلەتلەر خىتايلار بىلەن قارمۇ-قارشىلىشىپ قالىدۇ. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتايغا قارشى قوغداۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى ھەمكارلىق جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. خىتاي بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېھتىياجى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىر تۈركۈم ئىمتىيازلارنى بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئۇزاقتىن دىققەت قىلىدۇ.»
