تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باغچىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى.
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سوز قىلدى. 2011-يىلى 20-ماي.
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز ئەپەندى، كوجاسىنان رايونى باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزا نامزاتى ئۆمەر دېڭىز ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر 5-ئاينىڭ 20-كۈنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلاردىن ھال-ئەھۋال سورىدى.
مىنىستىر تانەر يىلدىز باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باغچىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى. ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز ئەپەندىنىڭ ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. بولۇپمۇ قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.
كېيىن قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بېكىر يىلدىز ئەپەندى سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز ئەپەندى سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھازىر تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا مىنىستىر تانەر يىلدىز ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن خاتىرە رەسىمىگە چۈشكەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەھەللىسىدىن ئايرىلدى. بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
| ﺑﯧﺴﯩﺶ | ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ |
ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودا ئېچىلغان يىغىنى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى: ئۇيغۇر داۋاسى تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق دەۋاسى
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئاساسى مەقسەتلىرى
2-نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى
«شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق» دېگەن يىغىن ئېچىلدى
تۇركىيىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار قان يىغلاۋاتىدۇ» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ
Click here to add your own comment