ئەردوغان: 'ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پۈتكۈل ئىرقداش ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرى بىزنىڭ مەسىلىمىز'

2010 ‏ - يىلى 2 ‏ - ئاينىڭ 27 ‏ - كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىكنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى جاۋاھىر مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا، "قەيەردە بىر تۈرك قېرىنداش مىللەت بولسا بىز شۇ يەردە" دېگەن شوئار ئاستىدا، "تۈرك قانداش ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇچرىشىش زىياپىتى" ناملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا چەتئەل ۋە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئازار، تاتار، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىنغا يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ، دۆلەت مىنىستىرلىرىدىن، فارۇق چېلىك، كورشاد تۇزمان، ئەگەمەن باغىش قاتارلىق مىنىستىرلار، بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى ماھىنۇر ئۆزدېمىر، قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئۆزگۈلگىن ئەزەربەيجان دۆلەت مىنىستىرى نازىم ئىبراھىم، ماكېدونىيە دۆلەت مىنىستىرى ھادى نازىر، سېربىيە دۆلەت مىنىستىرى سۇلايمان ئۇگلىجان قاتارلىق مىنىستىرلار قاتناشتى. يىغىنغا ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

Erdogangha-Siyit-Tumturk-chimen-doppa-we-ton-hediye-qilmaqta-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2010 ‏ - ﻳﯩﻠﻰ 2 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 ‏ - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، "ﺗﯜﺭﻙ ﻗﺎﻧﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ"ﺩﺍ، ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻤﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﯞﻩ ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﮕﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ. (RFA Photo / Arslan)

زىياپەت جەريانىدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋاتئوغلۇ، دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك قاتارلىق مىنىستىرلار سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈركىي خەلقلەر بىلەن ھەر ساھەدە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك قېرىنداش خەلقلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: "سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، جان يولداشلىرىم، سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ھەسرىتىنى تۈگەتكەن بۇ مەنىلىك كۈندە، ھەر قايسىڭلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن خۇشاللىق ئىچىدە بولۇۋاتىمىز. سىلەرگە قىزغىن ھاياجان ئىچىدە ئەڭ گۈزەل سالام ۋە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، تۈركىيىگە، ئىستانبۇلغا خۇش كەلدىڭلار، سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. بۇ يەردە سىلەر ئارقىلىق دۇنيانىڭ 5 قىتئەسىدىكى پۈتكۈل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىغا، قانداش قېرىنداشلىرىمىزغا سالام يوللايمەن."

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئەسلىدە نەچچە يىلدىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ھەسرەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، بۇ خىل ئۇچرىشىشنىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تۈنجى قەدىم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈركى خەلقلەرگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچىگە ۋە قەشقەرگە سالام يوللىدى: "سەمەرقەتتىكى، بۇخارادىكى، مازارشېرفتىكى، ئۈرۈمچىدىكى، قەشقەردىكى، ئالماتادىكى، ئاسىيادىكى پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمغا، قانداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. تارىخ ۋە قىسمەت بىزنى ئايرىم ئايرىم جۇغراپىيىلەرگە تارقاتتى. ئەمما بىزنىڭ كۆڭۈللىرىمىز بىر، بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىز بىرگە سوقىدۇ، ھەسرەتلىرىمىز بىر، سېغىنىشلىرىمىز، ئارزۇ ‏ - ئارمانلىرىمىز، تەقدىرىمىز بىر. بىز ھەممىمىز قېرىنداش. بىز بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى، خۇشاللىقىمىز، قايغۇلىرىمىز بىر. سولىنگەندە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇرنى قانىسا ئوخشاش ۋاقىتتا بەش قىتئەدە ئاغرىقىنى يۈرىكىمىزدە ھېس قىلىمىز، سارايۋودا بىر مەسۇم كىشىنىڭ كۆز ياشلىرى ئاققاندا ئوخشاش ۋاقىتتا ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتىشىدۇ."

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "بىز بىر داستىخانغا توپلىشىپ ئولتۇرغان بىر ئائىلىنىڭ ئەۋلادلىرى. بىز ھەممىمىز بىر ئائىلىنىڭ ئەۋلادلىرى، ھەر بىرىمىز مىڭ يىللار ئىلگىرى كەلگەن ئوخشاش بىر مەدەنىيەتنىڭ، ئوخشاش ئۆرۈپ ‏ - ئادەتلەرنىڭ، ئوخشاش تارىخنىڭ ئىنسانلىرى. تارىخىمىز بىلەن، قېرىنداشلىقىمىز بىلەن غۇرۇرلىنىمىز شۇنداقلا مەدەنىيىتىمىز بىلەن غۇرۇرلىنىمىز، بىز ياشىغان ھەر قانداق يەردە تىنچلىقنىڭ ۋەكىلى بولدۇق، خىزمەت قىلىپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە تىرىشچانلىقنىڭ، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ۋە دۇرۇس ‏ - راستچىللىقنىڭ ۋەكىلى بولدۇق."

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: "سىلەر، ب د ت خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا ئەزا بولغان بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى، سىلەر مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىغا رەئىسلىك قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرغان بىر دۆلەتنىڭ قېرىنداشلىرى. سىلەر ھەر يەردە، ھەقىقەتنى، ئادالەتنى، تېنچلىقنى قوغدىغان، ھەقسىزلىككە قارشى كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىققان، باش ئەگمىگەن، ھەقىقەتنى جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بىر دۆلەتنىڭ ئەۋلادلىرى."

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "ھېچ بىر يەردە بېشىڭلار ئىگىلمىسۇن، بىزگە باش ئېگىش مۇناسىپ ئەمەس، ھېچ قانداق يەردە ئۆزۈڭلارنى يالغۇز ھېس قىلماڭلار، شۇنى ھېچ قاچان ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، بۇ يەردە كۈچلۈك بىر دۆلەت بار، بۇ يەردە تۈركىيە بار. بىز بىر جاننى ئۆلتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى جانلىقلارنى ئۆلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىنسانلىرى. ھەقسىزلىككە دۇچ كەلگەن، ھەققى باشقىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان كىم بولسا بولسۇن، رەڭگى، تىلى، ئىرقى، ئېتىقادى نېمە بولسا - بولسۇن ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز. ئۇلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسا بولسۇن، ھەقسىزلىققا يولۇققان، چەتكە قېقىلغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئاۋازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋارقىراۋاتىمىز. بۇ ۋارقىراشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىمىز."

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن ھەمكارلىشىش ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك، پەقەت جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ پۇقراسى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈرك ئىرقىدىكى پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشىپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. ئازەرلەرنىڭ، قازاقلارنىڭ، قىرغىزلارنىڭ، تۈركمەنلەرنىڭ، تۈركىستانلىقلارنىڭ، بوشناقنىڭ، ئالمانلارنىڭ، بالقانلاردىن كاپكازىيىگىچە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، پۈتكۈل ئىرقداش ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرى بىزنىڭ مەسىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن."

باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: "قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم، تۈركىيە ھەر زامان سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلماڭلار، ھازىرغىچە سىلەرنى قوللاشنى، سىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى سىلەردىن ئايىمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئايىمايدۇ. بىرلىكىمىز، پۈتۈنلۈكىمىز ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى بۇزۇشقا ئورۇنغانلارغا ھەرگىزمۇ پۇرسەت بەرمەيمىز، ھاجى بەگتاش ۋەلىنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش، بىرلىشىپ، چوڭىيىپ، ھايات ياشايمىز."

ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن چاپىنى ۋە چىمەن دوپپىسىنى سوۋغا قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.