ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىدىكى ئانايۇرت گېزىتىدە ئوبزورچى ئورخان ئەردىل يازغان شەرقىي تۈركىستان مۇھىم ئەمەسمۇ؟ ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى.
ئورخان ئەردىل ئەپەندى ماقالىسىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە بەرگەن ئەھمىيىتىگە قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ ئىگە چىقمايۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى يازغان. ئۇ ماقالىسىدە پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق. ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىمنىڭ پەلەستىن خەلقى دۇچار بولىۋاتقان بېسىمدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئورخان ئەردىل ئەپەندى ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ:
تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ داۋوستىكى يىغىندا ئىسرائىلىيە دۆلەت باشلىقى شىمون پەرەسكە قىلغان سۆزى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.
ئاۋام خەلق باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نېمىگە ئۇنچىلىۋالا رېئاكسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. پەقەتلا باشمىنىستىرىمىزنىڭ شىمون پەرەسكە كۆرسەتكەن رېئاكسىيىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا.
ئەسلىدە بۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ خاماسقا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر. چۈنكى باشمىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم پەلەستىن خەلقىدىن بەكرەك خاماسنى ياقلىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇ ئىسرائىلىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنى خاماسنى رەسمى تونۇشقا چاقىرغان ئىدى. توغرا ياكى خاتا، خاماس ئىسرائىلىيىگە قارشى مۇجادلە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. سايلامدا خەلقنىڭ كۆپىنىڭ رايىنى ئالغان بولسىمۇ، بەزى دۆلەتلەر خاماسنى تېخىغىچە تېررورىست دەپ كەلمەكتە. بىز بۇ ھەقتە مۇنازىرە ئېلىپ بارماقچى ئەمەسمىز. مۇنازىرە قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى خاماسنى ئاساس قىلغان پەلەستىن مەسىلىسى ئاللا بۇرۇن تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىردى.
ھازىر دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىس بار، ئىشسىزلىق بار، يېقىندا ئومۇمىي سايلام بار، بۇلارنىڭ ھىچ بىرسى پەلەستىن مەسىلىسىدەك مۇھىم ئەمەس. بۇنىڭغا ئاساسىي جەھەتتىن نارازىلىقىمىز يوق. شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلار تۈرك رەھبەرلىرى، تۈرك جامائەتچىلىكى ئۈچۈن پەلەستىن مەسىلىسىچىلىك مۇھىم ئەمەسمۇ؟ ئەسلىدە نارازىلىقىمىز بۇنىڭغا. بۇنداق دېسەم ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىككە قىلىۋاتقان زۇلمىغا سەل قارايدىكەن دەپ قالماڭلار.
خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زۇلمىدىن قېلىشمايدۇ
ئورخان ئەردىل ئەپەندى ماقالىسىدە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زۇلمىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازغان:
خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زۇلمىدىن قېلىشمايدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى پەلەستىنلىكلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدىنمۇ ئېغىر دېيىشكە بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزلىرى دۇچار بولىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى بۇ مەسىلىگە تارتىشقا تىرىشماقتا. ئەمما بۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالىدىغانلار يوق. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەققانى داۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلار يوق، داۋوستىكىگە ئوخشاش خەلقارالىق يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئاچىدىغانلار ۋە يىغىن ئېچىشنى تەلەپ قىلىدىغانلارمۇ يوق.
يېقىنقى يىللاردا خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بەزى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىز؟ بۇلارنىڭ كۆپى ئۇزۇن ۋاقىت تەن جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خىتايلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرىگە قىلغان چاقىرىقى
جۇرنالىست ئوبزورچى ئورخان ئەردىل ئەپەندى ماقالىسىدە غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرىگە قىلغان چاقىرىقى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ھۈررىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە يېزىلىشىچە، 12 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە مەيدانغا كەلگەن بىر ۋەقەنى خاتىرىلەش ۋە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرغان. بۇ نامايىشچىلار ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زۇلمىغا قارشى ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باشقا ھەرقايسى سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرىنى، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ئىگە قىلىشقا چاقىرغان.
قېنى ساقلاپ كۆرەيلى تۈركلەرنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا قىلىنغان بۇ چاقىرىق تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىيالارمۇ؟