تۇركىيىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار قان يىغلاۋاتىدۇ» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيىنىڭ ساكارىيە شەھىرىگە قاراشلىق گېيۋە ئۈلكە ئوجاقلىرى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار قان يىغلاۋاتىدۇ» دېگەن نامدا يىغىن ۋە «خىتاي زۇلۇمى» دېگەن نام ئاستىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن گېيۋە ناھيىلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىندا گېيۋە ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى سەدات سەرت ئەپەندى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى گېيۋە ناھيىلىك شۆبە باشلىقى ئەخمەت پەھلىۋان، پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، يازغۇچى خىزىربەك غەيرەتۇللاھ ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئاساسلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي بېسىمى ئاسىتىدا دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى توختالدى. بۇ يىغىندا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئىشغال قىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خىتايلارنىڭ كۆچمەن يۆتكەش ۋە ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتى. پىلانلىق توغۇت سىياسىتى. ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ بېرىلمەسلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلىرى ۋە خىزمەت قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ چەكلمىگە ئۇچىرىشى. ئۇيغۇر مائارىپى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا دوكلاتلار بېرىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.