تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتاي زىيارىتى رەسمىي باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كۆپ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان.

0:00 / 0:00

ئابدۇللاھ گۈلنى بېيجىڭ ئايروپىلان ئىستانسىسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى جاي جۈن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گوڭ شياۋ شېڭ ۋە تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مۇرات ئەسەن قاتارلىق كىشىلەر كۈتۈۋالغان.

ئابدۇللاھ گۈل 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، شىئەن ۋە شېنجېن قاتارلىق جايلارغا بارىدىكەن. ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت رەئىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

ئابدۇللاھ گۈل بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي، سودا - سانائەتكە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان، قەيسەرى ۋالىسى مەۋلۈت بىلىجى، كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى، ئالىي رەھبەرلەر ۋە كارىخانىچىلارمۇ خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارماقتا.

1995 - يىلى تۈركىيىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل خىتايغا رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن بېرى، دۆلەت باشلىقى سەۋىيىسىدە بىر زىيارەت بۈگۈنگىچە ئېلىپ بېرىلمىغان ئىكەن. شۇڭا بۇ قېتىمقى بۇ زىيارەت سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ ناھايىتى دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. بولۇپمۇ بۇ قېتىم ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئابدۇللاھ گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ تۇنجى تۈرك ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان تارىخى شەھەر قەشقەرنى خىتايلانىڭ چاقماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بېيجىڭدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىگە بارىدىكەن. كېيىن شىئەن ۋە شېنجېننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۈركىيىگە قايتىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.