بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇندىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، ھەتتا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى 4 قېتىم رەسمى زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا تەكلىپ قىلغاندا، "مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئاخىرلاشسا بارىمەن" دەپ خىتايغا بارمىغان بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندىمۇ بار.
بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندىگە بۇ قېتىم باش مىنىستىر مۇئاۋىنىلىق ۋەزىپىسى بېرىلدى. بۇلاردىن باشقا تۈرك دۇنياسىغا بولغان يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان فارۇق چېلىك ئەپەندى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى. بۇلاردىن باشقا، باش مىنىستىرنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئاخمەت داۋۇتوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى.
قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان تانەر يىلدىز ئەپەندى بولسا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.
تۈرك ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە، بولۇپمۇ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مىكرافونىمىزنى د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
