4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تۈركولوگىيە، تارىخ، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق ئىلمىي ساھەلەر بويىچە 90 تەتقىقاتچى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

2012-يىلى 23-مايدىن 26-مايغىچە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات كومىتېتى تەشكىللىگەن «تىلى ۋە كۈلتۈرى يوقىلىش باسقۇچىدىكى تۈركىي مىللەتلەر» ناملىق 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

«تىلى ۋە كۈلتۈرى يوقىلىش باسقۇچىدىكى تۈركىي مىللەتلەر» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن زالى كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 23-ماي، ئەنقەرە.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ھاجەتتەپە تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى يۇنۇس كۆچ ئەپەندى، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتور مۇستافا قاچالىن ئەپەندى، تۈركىيە يۇنۇس ھەمراھ ئىنستىتۇتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئالىي فۇئات بىلقان ئەپەندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر مەدەنىيەت مائارىپ كومىتېتى تۈركىيە مىللىي كومسىيونى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئۆجال ئوغۇز ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان تۈركىي تىللار ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن گېرمانىيە براندېربۇرگ ئىلىم-پەن ئىنسانشۇناسلىق ئاكادېمىيىسىدىن پروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت ياقۇپ ئەپەندى، ئامېرىكىدىن تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى، تۈركىيە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنىتى، دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتى دوتسېنىتى، دوكتور ئوسمان جۈمە ئەپەندىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە تارىخىي ھەققىدە ماقالىلىرىنى ئوقۇماقچى. نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى پەرغانە ۋادىسىدىكى يوق بولۇشقا يۈز تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ۋە قالغان ئۈچەيلەن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تىلى ھەققىدە توختالماقچى.

ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور مۇستافا قاچالىن ئەپەندى قىلدى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:
تۈركىي تىللار تۇنجى قېتىم بۇنىڭدەك بىر يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. بۈگۈن سۆزلىنىدىغان ۋە يېزىققا ئىگە بولغان تۈركىي تىللارنىڭ سانى 25 كە يېتىدۇ. ھەتتا بەزى تەتقىقاتچىلار بەزى شېۋىلەرنى قوشۇپ ھېسابلاپ بۇ ساننى 30 غا چىقىرىدۇ. بۈگۈن ئەدەبىي يېزىق تىلىغا ئىگە بولغان خاكاس تىلى ۋە ئالتاي تىلىغا ئوخشاش جەنۇبىي سىبىرىيە تۈرك تىللىرىنىڭ تارىختا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر نەچچە تىلدىن ۋە شېۋىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى، ئافغانىستان، ئىران، ئەرەبىستان، بالقانلاردىكى ئوغۇز تىللىرىدىن كەلگەن شېۋىلەرنىمۇ قوشۇپ ھېسابلايدىغان بولساق، يۇقىرىقى رەقەم 40 تىن ئاشىدۇ. بۇ يىغىندا سۆزلىنىدىغان تىل ۋە شېۋىلەرنىڭ خاكاس تىلى، ئالتاي تىلىنى تەشكىل قىلغان شېۋىلەر ھەققىدە مۇستەقىل تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئافغانىستان، ئىران، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئوغۇز تىللىرى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى تىل ۋە شېۋىلەرنىڭ ئايرىم ھالەتتە تەتقىق قىلىنىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. موڭغۇلىيىدىكى تۈركىي تىللار دېگەن ۋاقتىمىزدا ئەقلىمىزگە قازاقچە ۋە تۇۋاچىنىڭ شېۋىلىرى كېلىدۇ. بۈگۈن ئارىمىزدا بۇ ساھەدە تەتقىق قىلغان تەتقىقاتچىلارمۇ بار. تەپسىلىي ئەھۋالىنى بۇلاردىن ئاڭلايمىز. موڭغۇلىيىدىكى خوتونلار ھەققىدە ھازىرغىچە قولىمىزدا ماددىي ئىسپاتلار بولمىسىمۇ، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك نەتىجىلەرنى موڭغۇلىيىدىن كەلگەن كەسىپداشلىرىمىزدىن ئاڭلايمىز. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگراسىدىن موڭغۇلىيىگىچە ۋە موڭغۇلىيىدىن خىتايغىچە بولغان تېررىتورىيىلەردىكى خەتەر ئاستىدا قالغان تۈركىي تىللارنىڭ، كورىيە ئالتايشۇناسلىق كومىتېتىنىڭ بىر تېمىسى ئىچىدە تەتقىق قىلىنغانلىقى، تېمىلار ھەققىدىكى ماقالىلەرنىڭ كىتاب بولغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. جۇڭگودىكى تۈركىي تىللارغا كەلسەك، سالار تىلى ۋە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى خەتەر ئاستىدىكى تىللاردۇر. بۈگۈن سېرىق ئۇيغۇرلاردىن چىققان تەتقىقاتچىمۇ بىزگە ئۆز نەتىجىسىنى ئاڭلىتىدۇ. خىتايدىكى يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان فۇيۈ قىرغىزچىسى ھەققىدە قولىمىزدا يېتەرلىك مەنبەلەر يوق. كىشىنى خۇش قىلىدىغىنى بۇ يىغىندا مۇشۇ تېما ھەققىدىمۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا تاتارچە، ئۆزبېكچە، تۇۋاچا قاتارلىق خىتايدىكى يوق بولۇشقا يۈز تۇتقان تىللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كەڭ تەتقىق قىلىنغىنى تۇۋاچا.