بۇ يىغىنغا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي، كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شەھەر باشلىقى ئازىز يېڭىئاي ئەپەندى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەر ساھە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق ۋەكىللەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىنغا يەنە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي، ئاق ساراي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي "دېموكراتىيە ئىسلاھات" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ قىلماقچى بولغان كۆپ ئىشىمىز بار، بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ 100 - يىلى توشقاندا دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە دۇنيادىكى 10 چوڭ دۆلەتنىڭ بىرسى بولۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىزمەت قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئىنسانلار بىزنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاقىرماقتا، ئەمما ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىچكى مەسىلىلىرىمىز بار، ھازىر بىزنىڭ دېموكراتىيە ئىسلاھاتى، مىللىي بىرلىك قېرىنداشلىق ئىش پىلان لايىھىسى ئىچكى مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىش پىلانىدۇر".
يىغىندا يەنە مىنىستىر بەشىر ئاتالاي كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "پۈتكۈل ۋەتەنداشلار ئوتتۇرىسىدا دىن، تىل، چۈشەنچە، جىنسىيەت ۋە سىياسى پائالىيەتلەر سەۋەبىدىن ھېچ قاچان ئايرىمچىلىق بولمايدۇ، ۋەتەنداشلارنىڭ ئادالەتلىك ۋە تەڭپۇڭلۇق مۇئامىلە كۆرۈشنى قوغدايمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىشكەنجىگە قارشى تۇرۇش كېلىشنامىسىغا ئىمزا قىلدۇق. بۇ يەردە بىز ئىشىكىمىزنى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرگە ئاچتۇق. يەنى بىزدە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار مەسىلە بولسا، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى تېخىمۇ كۈچەيسۇن، دېگەن مەنادا كېلىشىمگە ئىمزا قىلدۇق".
يىغىن ئاخىرلاشقاندا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللار تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەشىر ئاتالاي بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى. بۇ ئۇچرىشىشتا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، مىنىستىر بەشىر ئاتالايغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتۈش جەھەتتە نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان پىكىر تەكلىپلىرىنى سۇندى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
