بۇ يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 1933 ۋە 1944 - يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا 200 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قاتناشتى. 13 - نويابىر كۈنى سېيىت تۈمتۈرك ئالاھىدە تەكلىپكە بىنائەن غازىئانتېپ ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى " تېمىسىدا دوكلات بەردى.
بۇ يىغىننى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان غازىئانتېپ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى بىلەن ئاتاتۈرك چۈشەنچىلىرى جەمىيىتى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ يىغىنغا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان . بىز يىغىن مەيدانىغا تېلېفون قىلىپ بۇ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق.
غازىئانتېپ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور بىلگىخان پامۇق ئەپەندى بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىدى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولىۋاتقان دەرت - ئەلەملەرگە ئورتاقلىشىش ۋە بۇ ھەقتە جامائەتچىلىككە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. خىتايلار شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستانىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى خىتايلارنىڭ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئانا تىللىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، قىسقىسى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى خەلقىمىزگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىردۇق."
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار تارىختا، بولۇپمۇ كېيىنكى 100 يىلدا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قوزغىلاڭ قىلغان تۈركىي مىللەت. 1863 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە كۆپ قېتىم بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرى بار ئىدى. 1949 - يىلىدا خىتايلار بېسىۋالغاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار بوي سۇنماستىن ئەركىنلىك مۇجادىلىسىنى داۋام قىلدى. نەتىجىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان دۇنياغا تونۇلدى."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
