تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى نورۇز بايرىمىنى ھەر يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن سەنئەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ2009 ‏ - يىلى 3 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئىزمىر قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە نورۇز بايرىمى تەنتەنىلىك تەبرىكلەندى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن سەنئەتچىلەر قاتناشتى.

ئىستانبۇلدىن باشقا قەيسىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتناشقان بولۇپ ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بولۇپ بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار، 20 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كەلگەن كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. كېيىن ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن مانتا پولو قىلىپ تارقاتقان.

ئۇيغۇرلار، 21 - چېسلا ئاخشام سابانجى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئويۇن قويغان. بۇ پائالىيەتكە قەيسەرى ۋالىسى مەۋلىت بىلىجى، 6 - تۈمەن قوماندانى گېنېرال

Turkiyede-Noruz-korgezme-taam-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﺸﻤﻪﻛﺘﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

ئالى ئايدىن قەيسەرى، خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى رامازان ئەپەندىلەر قاتناشقان بولۇپ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە قەيسىرىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتناشقان.

نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك، تاتار، ئازەر، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات، فوند ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان .

د ئۇ ق باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە قەيسەرى مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىغا ئوت يېقىلغان بولۇپ قەيسەرى ۋالىيسى مەۋلىت بىلىجى ۋە 6 - تۈمەن قوماندانى ئالى ئايدىن ئەپەندى قاتارلىق رەھبەرلەر ئوتنىڭ ئۈستىدىن ئاتلىغان، تۆمۈرنى قىزىتىپ بازغان بىلەن ئۇرغان ۋە تۇخۇم چېكىشتۈرگەن. كېيىن ئۇيغۇرلار ئاچقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ماۋزۇلۇق كۆرگەزمىنى ئايلانغان.

يەنە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە نورۇز بايرىمى بۇرۇنقى يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئۆتكەن بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننى مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولغان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.