دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ: `تۈركلەرنىڭ تېگى ئۇيغۇر`

تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان خابەرتۈركتە ھەر يەكشەنبە كۈنى تارقىتىلىدىغان تەكەتەك پروگراممىسنىڭ بۇ ھەپتىدىكى بۆلۈمىدە قەدىمقى تۈرك تارىخى ئاڭلىتىلدى. داڭلىق ژۇرنالىست فاتىھ ئالتايلى بىلەن مۇرات بارداقچى رىياسەتچىلىق قىلغان بۇ پروگراممىدا ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ تۈركىيىدە ھۇن تارىخى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان كىشى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى تەكەتەك پروگراممىسىدا ھۇنلار، كۆكتۈركلەر، ئاۋارلار ھەققىدە توختالغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ تېگىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، تۈركلەرنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بۇنداق قاتتىق رەددىيە بىلدۈرۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ، ئۇلارنىڭ تېگىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلىدۇق.

دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ "سىز نېمىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردىڭىز؟" دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

-- مەن شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ دەۋاتىمەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىش ‏ - تۇرۇشى، مەدەنىيىتى، تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگىچە بولغان جەرياندىكى كۈرەشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەن ئاناتولىيىدە قۇرۇلغان ئىمپىراتورلۇقلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر بارلىقىغا ئىشىنىمەن.

دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 11 - ئەسىردە يانى سەلجۇقلۇ ئىمپىراتورلىقى مەزگىلىدە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

-- 11 - ئەسىردە ئاناتولىيىگە كەلگەن تۈركلەرنىڭ كۆپىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۇلار بىلەن بىللە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ئاناتولىيىگە كىرگەن. مەن قىرغىز، قازاق ۋە ئازەرىلەرنى باشقا كاتاگورىيىگە قويىمەن. ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كىشىلەرنى تۈركىيىدىكى تۈركلەرگە سېلىشتۇرساق ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى كۆپ، تۈركلەرگە ئەڭ كۆپ ئوخشايدىغىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار. شۇڭا ئەگەر تۈركىيىدىكى تۈركلەرنىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرسىڭىز، يۈزدە - يۈزدە يۈز ئۇيغۇر بولۇپ چىقىدۇ.

خابەرتۈرك تېلېۋىزىيە قانىلىدا داڭلىق ژۇرنالىست فاتىھ ئالتايلى رىياسەتچىلىق قىلغان تەكەتەك پروگراممىسىدا تۈركلەرنىڭ تېگىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇ، قەيسەرىلىكلەرنىڭ تېگىنىڭ يۈزدە ‏ - يۈز ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، چۈنكى تارىختا قەيسەرىدە ئۇيغۇر بەگلىكى قۇرۇلغانلىقىنى، قەيسەرىلىكنىڭ چىرايىنىڭ، تىجارەتكە ماھىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تارىخچى دوكتور ئالى ئاھمەتبېيئوغلۇنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا ئۇيغۇر تارىخچىلار قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.