ئۈرۈمچىدىكى '7 - ئىيۇل ئاياللار نامايىشى'غا قاتناشقان بىر خانىمنىڭ بايانلىرى

بۇلتۇر ئۈرۈمچى 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ، 6 ‏-، 7 ‏- ، 8 ‏- ۋە 13 ‏-ئىيۇل كۈنلىرى نامايىش ۋە توقۇنۇش شەكلىدە بىر قاتار زەنجىرسىمان ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە، 7 - ئىيۇل كۈنى ئات بەيگە مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭرى ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى جىددىيىتىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن بىز ئەنە شۇ كۈنكى نامايىشقا قاتناشقان، يېقىندا ياۋروپاغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئايشىگۈل خانىمنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئايشىگۈل خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.