ئۈرۈمچى نامايىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا (2)

بۈگۈن ئۈرۈمچى نامايىشى پارتلىغانلىقىغا 5 كۈن بولدى. 7 - ئىيۇل كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرى ئۈرۈمچىگە كىرگەندىن كېيىن،"5 - ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى دۇنياغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

"ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى"، " فرانسىيە ئاگېنتلىقى "، " ئەنگلىيە ب ب س رادىئوسى "، "جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى "، " س ن ن تۈرك "، "ھۆرىيەت گېزىتى "، " بىرلەشمە ئاگېنتلىقى " " ئەل جەزىرە " ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تولۇق قوراللانغان ھەربىيلەر شەھەر كوچىلىرىنى قاپلىغان.پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، 8 - ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئومۇمى ۋەزىيەت كونترول قىلىنغانلىقىنى، خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ 8 دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن قايتىپ كەلگەنلىكىنى،خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇيوڭكاڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىكى يارىدار بولغان ھەر مىللەت خەلقىدىن ھال سورىغانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقى بايان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشتە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دېيىلگىنىدەك ئومۇمى ۋەزىيەت كونترول قىلىنغان ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا ناھايىتى جىددىيلىكى بايان قىلىنىپ، چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىگە 10 مىڭدەك قوراللىق ھەربىيى چىڭخەيدىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقى،كوچىلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ بىر - بىرىگە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان " جەنۇبىي سەھەر گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، كېچىسى تولۇق قوراللانغان مىڭلىغان قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ،كوچىلاردا كىشىلەر يەنىلا ناھايىتى شالاڭ ئىكەن.ھۆكۈمەت كۆرۈنۈشتە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان بولسىمۇ ئەمما چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېقىنلىشىشقا يول قويمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۈگۈن گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ نوپۇسلۇق گېزىت „جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتىدە“ تىنچلىق بىلەن ئىلىپ بېرىلغان نامايىشتىن قانلىق ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى“ سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىن تامامەن باشقىچە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ماقالىدە ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ،" ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئىلىپ بارغان نامايىشىنى، خىتاي ژاندارمىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرى دوزاخقا ئايلاندى، ئۈرۈمچى كوچىلىرى تولۇق قوراللانغان ھەربىي ماشىنىلىرى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، پۈتۈن كوچىلاردا ئۇچۇرغانلا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتۇش باشلانغان ئىدى."

گېرمانىيە جەنۇبىي گېزىتى مۇخبىرى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى نامايىشى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ، "ئەسلىدە بۇ نامايىش شۇنداق تىنچلىق بىلەن باشلانغان. 80 گە يېقىن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىگە يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قول كومپيۇتېرى بىلەن شائوگۇئاندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىنئالغۇ فىلىمىنى قويۇپ، ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ يىغىلىش ئىلىپ بارغان. بۇ يىغىلىشنى خىتاي تارقىتىۋەتكەن ۋە كىيىن سۈرۈشتۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يەكشەنبىدە يەنى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئوقۇغۇچىلار كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق بىلەن نامايىش ئىلىپ بارغان. بۇ ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ساقچىلىرى ئوق چىقىرىپ، قانلىق باستۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ توقۇنۇشقان. نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرىۋەتكەن. تا بۈگۈنگە قەدەر كوچىلاردا خىتايلار قوللىرىغا كالتەكلەرنى ئىلىپ كۆرگەنلا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ - چانىغان، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرىنى بۇلاپ - تالاپ، پاچاقلاپ تاشلىغان. بۇ شەھەردە ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۈرۈمچى ئاسمىدا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلار چارلىغان بولۇپ، زىيان تارقىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار بولغان."

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تىبەت روھانىي داھىيسى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى دالاي لامانىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى " ھەققىدىكى باياناتى بېرىلگەن بولۇپ، دالاي لامانىڭ ئىشخانا كاتىپى مۇدىرى تسېگيام ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىغا دالاي لامانىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىللە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى بايان قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىم ئىتالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجان ۋە ھېسداشلىققا سالغان، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمنىڭ نۇتقى ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ " ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى" ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققىتىنى قوزغىغان. خەۋەردە يەنە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تەسىرلىك نۇتقىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى بايان قىلىنغان.