نامايىش ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5 تە باشلانغان بولۇپ ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. رادىئومىزغا كەلگەن رەسىملىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى نامايىشنى توسۇش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. ھازىرغا قەدەر بىرقانچە نەپەر نامايىش يېتەكچىسى قولغا ئېلىنغان.
يەنە مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر، ساقچىلارنىڭ نۇقتىلىق قورشاۋى ۋە نازارىتى ئاستىدا تۇرماقتا.
ئېنىق بولمىغان خەۋەرلەر ۋە رادىئومىزغا مۇشتىرىلاردىن كەلگەن سۈرەت ۋە ئېلخەتلەرگە قارىغاندا، ۋەقە توقۇنۇشقا ئايلانغان بولۇپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە ماشىنا قاتارلىقلار كۆيدۈرۈلۈش دەرىجىسىگە يەتكەن.