ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاسىتە ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، نامايىشچىلار ئاساسلىقى دۆڭكۆۋرۈك، جەنۇبىي قوۋۇق، خەلق مەيدانى قاتارلىق جايلاردا توپلىنىپ نامايىش قىلغان.ئېنىق بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا نامايىش سائەت 5 لەردە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن باشلىنىپ كەچ سائەت 9 لاردا تەخمىنەن 10 مىڭلارغا يەتكەن.
ئېنىق بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خەلق مەيدانىدا تەخمىنەن 3000 دىن ئارتۇق كىشى، دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا خەلق دەسلەپ تىنچ ھالەتتە نامايىش قىلغان، كەچ سائەت 9 لار ئەتراپىدا نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان بولۇپ، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ساقچىلار نامايىش قىلىۋاتقان خەلققە قارىتىپ ئوق چىقارغان. تورغا قويۇلغان سىنئالغۇ ۋە تور ئابونتلىرى تارتىۋالغان رەسىملەر ھەم تېلېفون ئىنكاسلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ھۆكۈمەت تەرەپ نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق ھەربىي قوشۇن ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭمۇ ئىشقا سالغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن دۆڭكۆۋرۈك، جەنۇبىي قوۋۇق، يەنئەن يولى، ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى قاتارلىق رايونلاردا جىددىي ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن ھەتتا برونېۋىك قاتارلىقلارمۇ ئىشقا سېلىنغان، نامايىشچىلارنى تارقىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن.
ھازىرىغىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىدە ھەمدە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايچە خەۋىرىدە ئۆلگەنلەرنى 3 نەپەر خىتاي دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقتىن كەلگەن ئېنىق بولمىغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ساقچىلار نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ خەلى كۆپ ئىكەن.ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 11 لەردىمۇ نامايىشنى باستۇرۇش ۋە ئادەم تۇتۇش ئەھۋاللىرى توختىمىغان.
خەلق مەيدانى بىلەن باشقا جايلار ئارىسىدىكى يول پۈتۈنلەي قامال قىلغان،5- ئىيۇل كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ھەربىي ھالەت كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بىز ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە جىددىي ھالەت كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شەھەر ئاھالىسى نامايىشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزىنىڭ نامايىشقا بارمىغان بولسىمۇ ئەمما باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە نامايىشنىڭ دەسلەپ خەلق مەيدانىدا باشلىنىپ، كېيىن جەنۇبىي قوۋۇق بىلەن رابىيە قادىر سودا سارىيى ئارىلىقىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
جەنۇبىي قوۋۇق ئەتراپىدىكى نامايىشنى ئوز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر شەھەر ئاھالىسى ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، قەنۇبىي قوۋۇقتىكى جۇڭگو بانكىسى ئەتراپىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يىغىلغانلىقىنى، بىرەيلەننىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقانلىقىنى، تولۇق قۇراللانغان نەچچە يۈزلىگەن ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى قورشىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۈرۈمچى دوڭ كۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئەھۋال ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەرگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي ساقچى، 2- دوختۇرخانا ئالدىدا نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقىنى، ئادەم يارىلىنىش ۋە ئۆلۈم ۋەقەسى كېلىپ چىققىنىنى،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۈرۈمچىدىكى 5- ئىيۇل نامايىشى ھەققىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار رادىيومىزغا تېلېفون قىلىپ ئۆزلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى.
گوللاندىيىدىن ئۇچۇر ئەۋەتكەن بىر كىشى ئۆزى ئاڭلىغان ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىشقا نەچچە مىڭلىغان ياشلارنىڭ چىققانلىقىنى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنى قۇراللىق باستۇرغانلىقىنى، شەھەرگە ھەتتا تانكا ۋە برونوۋىكلارنىڭمۇ كىرگەنلىكىنى، ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 20 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە بولغان نارازىلىق نامايىشى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى زىل- زىلىگە سالغان بولۇپ، ۋەتىنىم تور بېتى نامايىش ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى رەسىملەرنى ھەم سىنئالغۇ فىلىملىرىنى تور بېتىگە قويغان.
ۋەتىنىم تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا نامايىش ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى، دۆڭكۆۋرۈك، يەنئەن يولى، چىنە- قاچا زاۋۇتى ئەتراپلىق قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يۈز بەرگەن. تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نامايىشقا قاتناشقان. بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۈرۈمچىدىن باشقا جايدىمۇ نامايىش يۈز بەرگەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار بىز ئۈرۈمچى نامايىشى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز. رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ ئۈرۈمچى نامايىشى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان مەلۇماتلارنى بىزگە يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تور ئادرېسىمىز iliderya@yahoo.com ۋە abdilimm@rfa.org
تېلېفون نومۇرىمىز : 001-202-530-4999 غا ئۇرۇپ 1062 گە ئۇلىسىڭىز بولىدۇ. ياكى بىۋاسىتە ھالدا 001-202-425-0913 كە تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.