ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىش داۋاملاشماقتا

5‏ - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشى قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، رادىئومىز مۇخبىرلىرى يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى ئەھۋاللار ھەققىدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفۇن لىنىيىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى تۈپەيلى ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئۈرۈمچى ئاھالىسى بىلەن ئالاقە قۇرۇش تەسكە توختىماقتا. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋەتەن ئىچىكى مەلۇم بىر كىشى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان " ئات بەيگىسى مەيدانى" رايونىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

5 ‏- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تېنچلىق يوسۇندا ئېلىپ بارغان نارازلىق نامايىشى، قوراللىق باستۇرۇلۇپ 1 كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى ۋەزىيەتتىن ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بولۇپمۇ ساقچى ئىدارىسى، دوختۇرخانا ۋە ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشقان ئائىلىلەرگىچە تېلېفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفۇن لىنىيىلىرىنى قامال قىلىشى تۈپەيلى، بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق. ھەتتا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىش قانۇنلاشتۇرۇلغان 114 مۇ خىزمەت قىلىشتىن توختىتىلغان ئىدى.

كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق تېلېفۇنىمىزغا تاسادىپى باغلانغان مەلۇم بىر كىشى ۋەتەن ئىچىدىن زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلىپ، باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەردى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىر كۈن ئىلگىرى نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى، بىر كۈن كېيىن خىتاي ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ " ئات بەيگىسى مەيدانى " ئەتىراپىغا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ - بىر كىرىپ، ئايال ۋە بالىلاردىن باشقا بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ۋە ياشلارنى قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى سۆزىدە يەنە، ئات بەيگىسى مەيدانىنىڭ تۆت ئەتىراپى ۋە مەزكۈر مەيداننىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئۈچ تاش ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رايوندىن تاكى يەنئەن كوچىسىغا قەدەر بولغان ئارىلىقنىڭ تامامەن قامال قىلىنىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتكۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ كىرىپ ‏ - چىقىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. بىزگە مەلۇمات بەرگەن بۇ كىشى سۆزىدە يەنە، قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر سىياسى كۆزەتكۈچىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ تېنچلىق نامايىشچىلىرىنى قانلىق باستۇرۇشتىن سىرت، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق ئامانلىشىشىغىمۇ يول قويماسلىق دەرىجىسىگە يەتكەن زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.