خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىشى ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن

خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇلدىن ئېتىبارەن يەنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقە قاتارلىق بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى پۈتۈنلەي قامال قىلدى.

0:00 / 0:00

گەرچە سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونترۇللۇقنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بوشۇتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، ئېنتېرنېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى ھازىرغىچە نورماللاشمىغان. بەزى ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قامال قىلىشىنىڭ خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىنتېرنېت،تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قاراتقان كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئۈچ ھەپتىدىن ئاشتى. 28 - ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قاراتقان بەزى كونتروللۇقنى ئېچىۋىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئەمما ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بانكا ھېساباتى، ئوقۇغۇچى ھەم ئىشچى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، كۈندىلىك ھاۋارايى ئۇچۇرى ئىگىلەش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت تور بېكەتلىرى تۈرلەر بويىچە تار دائىرىدە مەشغۇلات قىلىشىغا ئېچىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق تور بەتلەر بىردەك تاقالغاندىن باشقا، ئەسلىدىكى ئېچىشقا بولىدىغان چەتئەل تور بەتلىرىمۇ تاقالغان مەلۇم چەتئەللەر بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىمۇ ھازىرغا قەدەر نورماللاشمىغان.

ئۈرۈمچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان قامال قىلىش ھېلىمۇ ئوخشاشلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىنتېرنېت تور ئالاقىلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا خېلى ئۇزۇن مەزگىل بار ئىمىش.

خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىشى ھەم كونتروللۇق جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى ئەندىشە تۇيۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى باش كاتىپى قەيسەر ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە "ئۇرۇشقا نازارەتچىلىك قىلىپ، قالايمىقانچىلىققا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن" كەلگەن. ھەمدە ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا، " دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىڭلار ۋە توپىلاڭغا قاتناشقۇچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى كۈچەيتىڭلار" دەپ يوليورۇق بەرگەن ئىدى.

قەيسەر ئەپەندى خىتاينىڭ مانا شۇ ئىز قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 5 - ئىيۇلدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان تور قوللانغۇچى يازغۇچىلىرىگىمۇ خېيىم ‏ - خەتەر يېتىشىدىن بەكرەك ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ۋە خەلقئارالىق تېلېفون مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىشى ھەم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىشىنى توسۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىپ، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئىچكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش بىلەن تەڭ، ۋەقەنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە باغلاپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى بۇ، چەتئەل ئاخباراتلىرىدا "خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر تەرەپتىن ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق ئاخبارات ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەنلىكىنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا" دېگەن مۇلاھىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.