بىر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 4 ‏- تۈرمىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەھبۇسلار ھاياتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەھبۇسلار ھوقۇقىغا ئائىت شەرتنامىلىرىدە مەھبۇسلارنى ئېغىر ئەمگەككە سېلىشقا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر ئەمگەككە سېلىنسا، ئەمگەك مىقدارىنىڭ مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىكى، دەم ئېلىشى ، ئۆگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزمىگىدەك ئۆلچەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ۋە ھەتتا مەھبۇسلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىش ھەققى بېرىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

0:00 / 0:00

ئەمما ھازىر، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمىلەردە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق 4 ‏- تۈرمىدە 8 يىللىق جازا مۇددىتىنى تاماملىغان، نۆۋەتتە ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر مەزكۇر تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە رادىئومىزغا مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.