5 - ئىيۇل ۋەقەسى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى، ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ بىر يىلدا 160 مىڭ كۆپىيىپ جەمئىي 2.5 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە شۇنداقلا نوپۇستىكى بۇ ساننىڭ ئېشىشىنى 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى نوپۇس تىزىملاش ئىشلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىگە باغلىغان بولۇپ، ھالبۇكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم كۆزەتكۈچىلەر 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور دەرىجىدە كېمەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

0:00 / 0:00

‏خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشتۇرغان بىڭتۇەننىڭ مەخسۇس خەۋەر تورىدا 5 - ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى نوپۇس سىتاتىستىكىسىدا ئۈرۈمچى نوپوسىنىڭ ئىككى يېرىم مىليوندىن ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۈرۈمچىدىكى 2 مىليون 568 مىڭ نوپۇسنىڭ ئىچىدە تۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 947 مىڭ 500 بولۇپ، قالغان 55 مىڭ 930 ى كۆچمە نوپۇس ئىكەن.

دائىرىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە 2008 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن، 2009 ‏ - يىلى 30 - سېنتەبىرگىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىكى ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ ئۆرلىشى، ئادەتتىكى تەبىئىي كۆپىيىشكە قارىغاندا يەنە 160 مىڭ نوپۇسى ئارتقان بولۇپ،"بۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كۈچمەن نوپۇسقا بولغان تەكشۈرۈش ھەم تىزىملىتىش ئىشلىرىنى كۈچەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،" دېيىلگەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۈرۈمچىدە ‏ 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئاشقان نوپۇسنىڭ مىللەت ئايرىمىسىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ ئەمما، ‏ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇشتا بىر قاتار قاتتىق سىياسەتلەرنى قوللانغانلىقى ھەتتا ئۈرۈمچىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ‏ - شىمالىدىن ئىشلەمچىلىككە كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇرلىغانلىقى مەلۇم ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىەر شۇنداقلا كۆزەتچىلەر، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشتىكى ئىسىتراتېگىيىلىك مەقسەت، مۇددىئالىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بۇ نوپوس ستاتىستىكىسى ئۇلاردا قايتا غۇلغۇلا قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، بار بولغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچى نوپۇسىغا دائىر مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن ئېشىشنى پەقەت خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىشى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ئەپەندىمۇ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇپ،ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئەزەلدىن تەھدىت دەپ تونىغاچقا، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا 5 - ئىيۇلدىن پايدىلىنىپ بۇ مەقسىتىنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ھەم بۇ ھەقتە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، گەرچە خىتاي ئۈرۈمچىدە خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىپ شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى سىقىپ چىقىرىش سىياسىتىنى قوللىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى زور دەرىجىدە كەينىگە چېكىندۈردى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.