'قورشاۋ ئاستىدىكى ئىككى شەھەر ھەققىدە قىسسە'

ئەنگىلىيە BBC رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرىگە مەسئۇل مۇھەررىرى جون سىمپسون، خىتاينىڭ ئۆكتەبىر بايرىمىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇ، قەشقەرگە بارغاندا مېھمانخانىدا تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان. جون سىمپسوننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە كۆرگەنلىرى BBC تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە BBC خەۋەرلەر تورىدا بېرىلدى.

0:00 / 0:00

مۇھەررىر جون سىمپسوننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە كۆرگەنلىرى " قورشاۋ ئاستىدىكى ئىككى شەھەر ھەققىدە قىسسە "تېمىسىدا BBC خەۋەرلەر تورىنىڭ 5- ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلدى. ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە كۆرگەنلىرىنىڭ بىر قىسمى BBC تېلېۋىزىيىسىدىمۇ بېرىلدى.

ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: " ئۈرۈمچى، بۇ قورشاۋ ئاستىدىكى شەھەرنىڭ ھەممە يېرى تولۇق قوراللانغان چارلىغۇچى ئەسكەرلەر ۋە قوراللىق ساقچىلار بىلەن تولغان."

"ئۈرۈمچى تىنچىغان ئىدى. بۇ تىنچلىقنى بۇ يەرگە كۆپ ساندا يۆتكەلگەن ئەسكەرلەر كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ئەمما قەشقەرگە نىسبەتەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچى ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك قىلاتتى. نامايىش يۈز بېرىپ ئارىدىن ئۈچ ئاي ئوتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئالالمىغانلىقى ئىنتايىن روشەن ئىدى."

ئاپتور جون سىمپسون ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ھەر ئون قەدەمدە قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەر بىر توپىنىڭ 12 نەپەر خادىمدىن تەركىب تاپقانلىقىنى بايان قىلىپ: " شەھەر ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك ئىنتايىن روشەن ئىدى. بىر نەچچە ئادەم بۇ يەردە نېملەر بولغانلىقى ھەققىدە سۆزلىمەكچى بولدى ‏- يۇ، ھېچقايسىسى ئوچۇق ‏- ئاشكارا بىر نەرسە دېيەلمىدى" دەپ يازىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلدىكى يەرلىك ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا يورۇشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ، BBC مۇخبىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ قەيىرىگە بارمىسۇن، كەينىگە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئەگىشىۋالغان.

يۇقىرىقىسى BBC تېلېۋىزىيىسىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن تېلېۋىزىيە خەۋىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى جون سىمپسون ۋە ئۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنى ئۇيغۇرلار رايونىغا يېقىن كەلتۈرمىگەن ۋە ئۇلارنى توسۇپ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى تەكشۈرگەن.

ئاپتور جون سىمپسون ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن قەشقەرگە بارغان.

گەرچە ئۇلار قەشقەردە بىر كۈن تۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا مەيلى نەگىلا بارمىسۇن، كەينىگە ساقچىلار چۈشىۋېلىپ ئۇلارنى ھېچكىم بىلەن ئۇچراشتۇرمىغان، ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى زىيارەت قىلىشىغا ۋە ياكى سۈرەتكە ئېلىشىغا يول قويمىغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار، چۈشكەن مېھمانخانا ياتاقلىرىدا تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.

BBC تېلېۋىزىيىسىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن سۈرەتلىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى BBC مۇخبىرلىرى چۈشىكەن ياتاقتا تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، BBC ئوپېراتورى خىتاي ساقچىسىنىڭ كىنىشكە تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان.

ماقالىدا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىغا سەۋەب بولغان ئامىلىنىڭ شاۋگۇەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت كىچىك بىر ۋەقە ئىكەنلكى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ يىلتىزى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە بەزى يۈزە قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە توختاۋسىز ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پايتەختى ئۈرۈمچىدە ئاز سانلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن.

ماقالە مۇنداق ئاياغلىشىدۇ: "ئۈرۈمچى تىنچىغان ئىدى. بۇ تىنچلىقنى بۇ يەرگە كۆپ ساندا يۆتكەلگەن ئەسكەرلەر كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ئەمما قەشقەرگە نىسبەتەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچى ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك قىلاتتى. نامايىش يۈز بېرىپ ئارىدىن ئۈچ ئاي ئوتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئالالمىغانلىقى ئىنتايىن روشەن ئىدى."

يۇقىرىقىسى،" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" پارتلاپ دەل ئۇچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ بىرى.