ئۇنىڭ بايان قىلپ بېرىشىچە، 6 - چېسلا كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەر قايسى ئىدارە - ئورگانلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئۇنسۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، ھەر قايسى ئىدارە - ئورگانلار تاياق - توقماقلارنى سېتىۋېلىپ ھويلىلىرىغا قويۇپ قويغان.
ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندىن كېيىن بالىلىرى ۋە يولدىشىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ نامايىش قىلغان ئاياللار پۈتۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالغان ئىدى.
تانكا ئالدىدا ھاسىسى بىلەن يالغۇز تۇرغان تۇرسۇنگۈل ئىسىملىك ئايالنىڭ رەسىمى بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ كىشىنىڭ ئىشەنچىلىك يەردىن ئالغان مەلۇماتىدىن بىزگە بايان قىلىپ بېرىشىچە، ۋەقە مەيدانىدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئايرىلىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى نامايىشقا چىققان بارلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قولغا ئالغان.
بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىپ بېرىشىچە يەنە، ۋەقەدىن كېيىن سانجىغا يېقىن بىر يەردە يېڭى بىر تۈرمە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تۈرمىگە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان 200 دەك ئۇيغۇر يۆتكەپ بېرىلغان. بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى تېخى ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن. مانا بۇ تۈرمىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ئاڭلىغۇچىمىزغا بايان قىلىپ بەرگەنلىرى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
بۇ كىشى بىزگە يەنە، نامايىشنىڭ دەسلەپكى باشلانغان جەريانى ھەققىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.