'ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىككى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى يوق بوپ كەتتى' (1)

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولماقتا. شۇنداقلا ئۇلار، ئۈرۈمچى تېنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە باستۇرۇلۇشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىشماقتا.

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ قەپقالغان بىر خانىم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ۋەھشىلەرچە باستۇرۇلۇشى ۋە 6 - ، 7 - ئىيۇلدىكى خىتايلارنىڭ قانلىق ئۆچ ئېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانىيىتى قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدىكى ئۆزى كۆرگەن - بىلگەن بەزى مۇھىم ۋەقەلەر ۋە پاكىتلار توغرىسىدا بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.