ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ قېپقالغان بىر خانىم 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلۇشى ۋە 6 - ، 7 - ئىيۇلدىكى خىتايلارنىڭ قانلىق ئۆچ ئېلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانىيىتى قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم ئۈرۈمچى ۋەقەسى جەريانىدىكى ئۆزى كۆرگەن - بىلگەن بەزى مۇھىم ۋەقەلەر ۋە پاكىتلار توغرىسىدا بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
زىيارىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، بۇ خانىم بىزگە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تونۇشلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىككى خوشنىسىنىڭ بالىلىرى، يەنى 19 - 20 ياشلاردىكى ئادىلجان تۇرسۇن ۋە مىرادىلجان ئەركىن ئىسىملىك ئىككى بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئاتا - ئانىسىنىڭ ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلالمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.