ئۇرۈمچىدە ياشايدىغان ياقا يۇرتلۇقلارغا 'جىنايەت خاتىرىسى پاكىز بولۇش' تەلىپى قويۇلىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان ياكى تۈرلۈك كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياقا يۇرتلۇقلارغا " جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇش" شەرتى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بەزى بەلگىلىمىلەرنى بېكىتكەن.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر بەلگىلىمە بىخەتەرلىكنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ بەلگىلىمە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى توساشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يېقىندا بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغان ياكى تۈرلۈك كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقرالارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشىنى قىيىنلاشتۇرغان. يېڭى بەلگىلىمىدە ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان ياكى خىزمەت قىلىدىغان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ "جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇشى" كېرەكلىكى، ئۈرۈمچىدە ياشىماقچى بولغان ھەر قانداق ئادەم بۇ شەھەردىكى ج خ ئورگانلىرىغا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ "جىنايەت خاتىرىسى پاكىز" ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتنامە كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى ئاھالىلەر ئۈرۈمچىدىكى تۇرالغۇسىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئىجارىكەشلەر ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ، ساقچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنى بەلگىلەپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ خالىغان كىشىگە ئۆي ئىجارە بېرىشىنى چەكلىگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ بىر مەسئۇلى مەزكۇر بەلگىلىمىنى تونۇشتۇرۇپ، يۇقىرىقى كاتىگورىيىدىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئائىلىلەرگە "ئولتۇراقنامە" تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر بۇ بەلگىلىمە ئۈرۈمچىدىكى "ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش"نى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشتىكى غەرىزىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يۇقىرىدا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان رەقىپ ئەپەندى، 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندە ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبىكتى كىمگە قارىتىلغانلىقى، ئۇرۈمچىدىكى ئىچكىرىلىك خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلامدۇ ياكى ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىدىغان يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلامدۇ، دېگەن مەسىلە ئايدىڭ ئەمەس. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى بەخت ئاھالىلەر رايونى ئىش باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا بۇ بەلگىلىمە "تېررورچىلىققا قارشى مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان "لىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ساقچىخانا چىقىرىپ بەرگەن جىنايەت خاتىرىسى يوقلۇقىغا دائىر ئىسپاتنامە كېرەك. ھازىر شىنجاڭدا تېررورچىلارنىڭ زادى قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭدىكى يەرلىكلەر، دېيىشكە بولمىسا كېرەك. ئىچكىرىلىك ئادەمنىڭ ئىچىدىمۇ بۇزغۇنچىلار بار."

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنى خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن باغلاپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ ئەيىبلىگەن. لېكىن غەربتىكى دىموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنى تېررورلۇق بىلەن سىياسىي ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە چاقىرىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى"تېررورچىلار" بىلەن ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكى كىشىلەرنى بىر ‏- بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى رەقىپ ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشنى قىيىنلاشتۇرۇش مەزمۇنىدىكى يېڭى بەلگىلىمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزى خەۋەرلەردە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى يەنە جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى، خۇسۇسى شىركەتلەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىز قېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئەمدى بىر ئارىدا ياشالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، "نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىشنىڭ يولى ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ۋەزىيەتكە ئارىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر"، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.