ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى يىڭنە سانجىشتىن كېلىپ چىققان ۋەھىمىلىك كەيپىيات ئېغىر بولۇپ، ھازىر كۆچمەن خىتاي پۇقرالىرى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ماگىزىنلىرىدىن مال ئالمايدىغان، ئۇيغۇر رېستورانلىرىدا تاماق يېمەيدىغان، كوچىلاردىكى خىتايلار ھەيدىگەن تاكسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆرسە توختىمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ب ب س، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، گېرمانىيە ئاۋازى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى قاتارلىق چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا بىرىلمەكتە.
رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر، بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلغىنىدا، ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاڭلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئۆز بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
چەتئەلدە ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرمۇ ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلغىنىدا، دادىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە،قەشقەردىمۇ خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، پۇقرالارغا يىڭنە سانجىپ ۋەھىمە پەيدا قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6 - سېنتەبىر كۈنىدىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 531 كىشىنىڭ ئۆزىگە زەھەرلىك يىڭنە سانچىلغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەدىنىدە يىڭنە ئىزى بايقالغانلار 171 نەپەر، يىڭنىدىن يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ،دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 42 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى،تەپتىش ئىدارىسى ۋە سوت مەھكىمىسى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا بىلدۈرۈلۈشىچە، يىڭنە سانجىغۇچىلارغا ئەڭ ئاز 3 يىللىقتىن مۇدەتسىزلىككىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئاراغا بەرگەن خەۋىرىدە، گەرچە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ئېلىپ بارغان نامايىش كونترول قىلىنىپ، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 6 - سېنتەبىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا يوللانغان ئۇچۇردا، ئۈرۈمچىدىن بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 4 - سېنتەبىر جۈمە كۈنى شىياۋشىمىن ئەتراپىدا خىتاي پۇقرالىرى توپلىشىپ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، كوچىلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ئايال ئۆز سۆزىدە يەنە، شىياۋشىمىن ئەتراپىدا ساقچىلار كىملىكنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، كىملىكىنى كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئاغزىدىكى تاماكىنى تۇتاشتۇرۇش ئۇچۇن، يانچۇقىدىن چاقمىقىنى ئېلىۋاتقىنىدا ساقچىلار تەرىپىدىن "بومبا تۇتاشتۇرماقچى بولدى" دەپ قارىلىپ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا بەرگەن خەۋىرىدە،ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نامايىشى جەريانىدا 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، ئەمما رادىئومىزغا ياپونىيىدىن تېلېفون قىلغان ھاجى قۇتلۇق قادىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىگەن مەلۇماتىدا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشىدا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان پۇقرالارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ 20~30 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھازىر ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ، كوچىلاردا قوراللىق ئەسكەرلەر تىنچلىقنى ساقلاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كوچىلاردا خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتماقتا ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن يەكشەنبە كۈنى، 100دىن ئارتۇق خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بەخت يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى قاتارلىق جايغا بېسىپ كېلىپ 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يارىلاندۇرۇپ، 3 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يېڭى ئىرا تور بېتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدە 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن.