بەزى مەنبەئەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە كەڭ - كۆلەملىك سوت ئېچىپ، ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى جازالىماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرىنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت ئەرزى - شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونىدا دۈشەنبە كۈنى يەنە قان تۆكۈلدى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرىدە 2 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلاپ، يەنە بىر ئۇيغۇرنى يارىلاندۇرغان ۋە قولغا ئالغان. ۋەقە جەنۇبىي ئازادلىق يولىنىڭ يېنىدىكى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەتبۇئاتلار بىلەن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقە توغرىسىدا ئوخشىمىغان مەلۇماتلارنى بەرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى مەلۇماتىدا 3 ئۇيغۇرنىڭ باشقا بىر ئۇيغۇرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىسىنى ئېتىپ تاشلاپ، يەنە بىرىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بۇرمىلىغانلىقىنى، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇشنى ئەيىبلىگەنلىكى، تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلىك سەۋەبى ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ رايوندىن بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، دۈشەنبە كۈنكى ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەسىنىڭ ساقچىلار بىلەن يەرلىك ئامما ئارىسىدىكى سۈركىلىش سەۋەبى يۈز بەرگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، 2 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاۋاتقانلىقىنى، لېكىن ۋەقەگە باھا بېرىش ئۈچۈن يىتەرلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىيان كەللىي بىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدە دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، "بىز داۋاملىق ئۇچۇر توپلاۋاتىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتكە دائىر قايغۇمىزنى يەتكۈزدۇق. بىز خىتاينىڭ ۋەزىيەتنى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن پەسەيتىشىنى، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىنى شۇنداقلا نىمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى خۇلاسىلىشىنى كۈتىمىز" دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئېھتىياتچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
ئىيان كەللېي دۈشەنبە كۈنكى باياناتىدا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي سۈركىلىشنىڭ ناھايىتى جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتكۈچى پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە جەريانىدا ئاز كەم 1500 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتىدا تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ ئارتۇقتۇر. خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي سوت ئېچىپ، ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا كەڭ - كۆلەملىك ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ تەشكىلاتلار بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت دىلولارنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بۇنىڭ بىشارىتى، دەپ قارىماقتا ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مۇددىئاسىنى ئەيىبلىمەكتە.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون خانىم دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، "ئۆتكەن يىلى تىبەت نامايىشچىلىرىنى ئاقلىماقچى بولغان بېيجىڭدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلاشنى بىكار قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، كىنىشكىسى مۇسادىرە قىلىنىش تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى بىزنىڭ ناھايىتى دىققىتىمىزنى تارتقان ئىدى. بۇ يىل ئىيۇندا ئىلغار پىكىردىكى ئەڭ ياخشى 20 ئادۋوكاتنىڭ كىنىشكىسى يېڭىلاپ بېرىلمەي، ئاقلاش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. شىنجاڭدىكى ئادۋوكاتلارغا دائىر بىز ئاڭلىغان بۇ خەۋەر توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئادالەتنىڭ يېرىنى تېپىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى لازىم. مەن ھەقىقەتەن ئادالەت مەسىلىسى ۋە بۇ سىياسەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش كەلگۈسىدە شىنجاڭدا يەنە توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن - بىر يولى دەپ ئويلايمەن" دەيدۇ.
سوفىيە رىچاردسون خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلارنى كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلمىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىش ئەمەس. لېكىن قولىمىزدا بىزنىڭ بۇ تۈرلۈك پىكىردە بولۇشىمىزنى ياكى بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئۇچۇر يوق ياكى ئۇنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. لېكىن بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋەدىسىدە جىددىي بولسا، قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنى ھېسابقا ئېلىشى، ئۇلار ئۆزى ئۇچرىغان جازادىن خەۋەردار بولۇشى ۋە ئۇلارغا ئىمكانىيەت بېرىلىشى كېرەك. بىز ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدىكى ئىنكاسىنى كۆزىتىمىز."
ۋەن يەنخەي ئەپەندى بېيجىڭدىكى ئەيدىزلەر ھوقۇقى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، مىللىيلارغا ئائىت تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ ناھايىتى ئۆتكۈر ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاشكارا سۆزلەشنى چەكلەنگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بۇ مەسىلە ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ئاز سانلىقلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەر سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاشكارا مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ خىل ئەھۋالدا تۈرلۈك ئىجىتمائىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشتى" دەيدۇ.
ۋەي يەنخەي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىز نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. شۇڭا مەن ھۆكۈمەت سۆھبەتنى يولغا قويۇشى كېرەك. سۆھبەت يولى بىلەن مەۋجۈت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى لازىم. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئازدەك قىلىدۇ" . ئۇ، ھۆكۈمەت بۇ ۋەقە ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىشىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەن يەنخەي يەنە مۇنداق دەيدۇ": بىزنىڭ ھۆكۈمەت كۆپرەك ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتتىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى خالىغانچە سىياسىيلاشتۇرماسلىقى، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھۆرمەت قىلىنىشى، ھوقۇقى قوغدىلىشى لازىم."