بوسىنىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان كارادىچنىڭ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىنسانىيەتكە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت رادۇۋان كارادىچ ۋە ئۇنىڭ بوسنىيە خەلقىگە يەتكۈزگەن بالايى - ئاپەتلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
رادۇۋان كارادىچ كىم؟
بوسنىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سېربلارنىڭ رەھبىرى رادۇۋان كارادىچ، نەچچە ئون مىڭ ئىنساننىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھېسابلىنىدۇ.
22 - ئىيۇل كۈنى سېربىيە ھۆكۈمىتى 13 يىلدىن بۇيان قېچىپ يۈرگەن كارادىچنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رادۇۋان كارادىچ - 1990يىللارنىڭ بېشىدا يۈز بېرىپ ئۈچ يېرىم يىللار داۋام قىلغان، سېربىيە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە مىليون بىگۇناھ خەلقنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان بوسنىيە ئۇرۇشىنىڭ جىنايەتچىسى.
كارادىچ، 1995 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بوسىنىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىخەتەر رايون دائىرىسىگە ئېلىنغان سېربىنسا شەھىرىدىكى 8000 نەپەر بوسنىيە مۇسۇلمان ئەرلىرى ئۈستىدىن قىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بەزى مەتبۇئاتلاردا بولسا 16مىڭ مۇسۇلماننى بىراقلا قىرىپ تاشلىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ شۇنداقلا بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ.
كارادىچنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سېرب ئەسكەرلىرى بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلارنى قانلىق قىرغاندىن باشقا، ئاياللارغا ۋەھشىيلەرچە باسقۇنچىلىق قىلىش، ئۇلارنى قىيناش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن.
خەلقئارا ھەربىي سوتى كارادىچقا شۇ يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بەرگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى، مىللىي قىرغىنچىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قىيىن - قىستاققا ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارى سۈپىتىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ئىدى.
1995 - يىلىدىن باشلاپ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن كارادىچ 1998 - يىلدىن بۇيان ئىز دېرەكسىز يوقالغان، ئۇنىڭ سېربىيىدە يوشۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مىش - مىش گەپلەر بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ 13 يىلدىن بۇيان سېربىيىدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. سېربىيە ھۆكۈمىتىمۇ كارادىچنى تۇتۇشقا جىددىي ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ھەم بېسىملىرىغا ئۇچراپ كەلگەن.
رادۇۋان كارادىچ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدى ئاخىرلاشقان مەزگىلدە سېربىيىنىڭ قارا تاغ رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى سېرب مىللىي ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى بولۇپ ناھايىتى نامرات ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇ كېيىن ساراېيىۋدا مېدىتسىنا ئىنستېتوتىنى تاماملاپ نېرۋا كېسەللىكى دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن. بېرىتانىيە ئاخباراتىدا بېرىلگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، كارادىچ شېئىرمۇ يازغان بولۇپ بىر قانچە شىئېرلار توپلىمىمۇ نەشر قىلىنغان. 1970 - يىللاردا ئۇ سالارېيىۋدا پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەسلىھەتچىسىمۇ بولغان ئىكەن.
1980 - يىللاردا ئۇ سېربىيە مىللىي ھەرىكىتىگە قاتناشقان. شۇ مەزگىللەردە ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان. 1990 - يىلى 7 - ئايدا سېربىيە دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان شۇنداقلا سېربىيىنىڭ شۇ چاغدىكى پرېزىدېنتى مىلوشوۋېچنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇ بوسنىيە ئۇرۇشى باشلانغان مەزگىلدە سېربىيىدىن ئازات بولۇشنى تەلەپ قىلغان نەچچە ئون مىڭلىغان بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان.
ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟
گائاگادىكى خەلقئارا سوت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، 13 يىلدىن بۇيان يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن كارادىچنىڭ، سېربىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن 21 - ئىيۇل قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئەمدىلا ئازادلىققا ئېرىشكەن بوسنىيەلىكلەرنى شاتلاندۇرىدىغان بىر چوڭ ۋەقەلا ئەمەس، سېربىيە دۆلىتى ئۈچۈنمۇ بىر ئەھمىيەتلىك ۋەقە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا. چۈنكى كارادىچنىڭ تۇتۇلمايۋاتقانلىقى سېربىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرەلمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
ئۇ تۇتۇلغان كۈنى بوسىنىيەدىكى مىڭلىغان ئامما كوچىلارغا چىقىپ ئۆز شادلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەم رادۇۋان كارادىچنىڭ قەستى بىلەن قىرغىن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى ياد ئېتىشكەن. گائاگادىكى خەلقئارا ھەربىي سوتنىڭ باش سودىيىسى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ" بۈگۈن خەلقئارادا ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم بىر كۈن، كارادىچنىڭ قولغا ئېلىنىشى" دېگەن ئىدى.
رادۇۋان كارادىچ قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپادىكى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار مەزكۇر مەسىلىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ بوسىنىيىنىڭ مۇستەقىللىقى شۇنداقلا رادۇۋان كارادىچ ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارىنى بېرىپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى رادۇۋان كارادىچنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
رادۇۋان كارادىچنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاسلار قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇن ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.