بۇ، ئۇستاز رەھمەتۇللا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ خۇشاللىق ھەم شەرەپلىك ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ۋە مىللىتىنى جېنىدىن بەك سۈيىدىغان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە بۇنچىلىك زور مەرتىبىگە سازاۋەر بولۇشى، ئەينى ۋاقىتتا ئۆز مىللىتىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگەنلىك ۋە مىللىتىنىڭ ئېسىللىكى باشقىلارنى قايىل قىلغانلىقتۇر.
سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت
ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەھمەتۇللا تۈركىستانى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئېگە بولۇش ئۈمىدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئەڭ پىشقەدەم دىكتورى سىراجىدىن ئەزىزىگە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
سىراجىدىن ئەزىزى بىزنىڭ ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ قىلغان ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرى ۋە ئەمگەكلىرىدىن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبرازلىق ئىشلىرى قايسى دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ. سىياسى مەسىلىدىن ئېيتساق، ئۇستاز رەھمەتۇللا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغانلارنىڭ بىرى. مۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسى ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازدى. بىز بىلىدىغانلىرى "خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچ قىلىشى"، "ئۇنتۇلغان تۈركىستان" قاتارلىق كىتابلار ۋە باشقا نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىۋاتىدۇ. ئۇستاز رەھمەتۇللا يەنە ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈرك تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسا تېپىپ توپلاۋاتىدۇ. كىتاب توپلاشتا بۇ كىشىنى دۇنيا بويىچە بىرىنچى كىشى دەپ ئويلايمەن."
ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى
سىراجىددىن ئەزىزى ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى بەك كۆپ، ئۆتكەن 25 يىلدىن بىرى مەيلى ئىسلام دۆلەتلىرىدە بولسۇن، مەيلى ياۋروپادا بولسۇن، ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ماددى ياردىمى تەگمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يوق بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇستاز رەھمەتۇللا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە يېنىدىكى ھەمشەھەرلەرنىڭ ھەمقام بولۇپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن "شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلار فوندى"نى قۇرۇپ چىققان ئىدى. شۇ فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىرغىچە ئوقۇپ يېتىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. ئۇلاردىن كۆپلىرى ۋەتەنگە قايتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىملىرى چەتئەللەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. مۇندىن باشقا ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن قاتارلىق بىر قانچە ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بىلىم يۇرتلىرىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ. مەككىدىكى "دارۇلھەدىس" بىلىمگاھىدا ئوقۇۋاتقانلارمۇ ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئوقۇشقا كىرگەن."
ئۇستاز رەھمەتۇللا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۈمىدۋار
سىراجىددىن ئەزىزى يەنە مۇنداق دېدى: "ئۇستاز رەھمەتۇللا ئوقۇغۇچىلاردىن يۈزدە - يۈز مەمنۇن بولمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن. ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇپ مەيلى ۋەتەندە بولسۇن، مەيلى چەتئەللەردە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن: بىز ئىشلەۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇپ يېتىشكەنلەردۇر. مۇندىن باشقا، تۈركىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلەردىن ئەركىن ئەمەت ۋە ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق دوكتۇرلارمۇ ئۇستاز رەھمەتۇللانىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇغانلار قاتارىدىن سانىلىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.