دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئىتى تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تارمىقىدىكى تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ئىدارىسى مائارىپ - مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق باشقارما باشلىقى دوكتور مەھمەت يىلماز ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلارغا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كېيىن ئۇلار تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقات ئىدارىسى خەلقئارا ھەمكارلىق باشقارما مەسئۇلى پروفېسسور دوكتور نىلاي باشاران خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
بۈگۈن يەنى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى تۈركىيىنىڭ تونۇلغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا ئوقۇتقۇچى، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
