ھازىرغا قەدەر ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەر ئىچىدە ئاز دېگەندە ئوننەچچىلىگەن ئايال پىدائىينىڭ ئالدىنقى سەپتە رول ئالغانلىقى ۋە ئارقا سەپتە ھەمكارلاشقانلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىلغان، بىر قىسمى سوتقا تارتىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ياكى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا ئەنە ئەشۇ ئايال پىدايىلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ كىملىكلىرى ۋە ئىش ئىزلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. بۇ مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر رادىيومىزدا ئىلگىرى بېرىلگەن خەۋەرلىرىمىز ئىچىدىن رەتلەپ تەييارلىغان.
ئايال پىدائىيلار ئەڭ ئاكتىپ رول ئالغان ھەرىكەتلەردىن بىرى، 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كۇچادا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتىلىتىش ۋەقەسىدۇر. شۇ چاغدا كۇچا ناھىيىلىك پارتكوم رەھبەرلىرىدىن مۇتەللىپ ھاشىمنىڭ خىتاي ئاخباراتىغا ئاشكارىلىشىچە، پىدائىيلارنىڭ جەمىي سانى 15 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن بىر نەپىرى 15 ياشلىق قىز خەلچەم ئابلىزدۇر، يەنە بىر ئىسمى نامەلۇم 22ياشلىق بىر خانىم. ۋەقەدە 22 ياشلىق ئايال نەق مەيداندا ئۆلگەن. خەلچەم ئابلىز بولسا، بىر سەپدېشىنىڭ موتسىكىلىتىغا ئولتۇرۇپ نەق مەيداندىن ئۇزاقلىشىۋاتقاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ يارىلاندۇرۇلغان. ئەينى چاغدىكى خەلچەم ئابلىزنىڭ 17 يېرىدىن يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى مەلۇم ئەمەس.
سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاخىرقى نەپىسىگىچە خىتاي ساقچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئايال پىدائىيلاردىن بىرى ئانارگۈل مۇتەللىپ؛ ئۇ پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2008 - يىلى ئولىمپىك مەزگىلىدە يۈز بەرگەن يامانيار ۋەقەسىگە چېتىلىپ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىزى قوغلانغان. 27 - ئاۋغۇست قىزىل بويى ۋەقەسىدە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنى تۇتقىنى كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە 3 نەپەر ساقچى ئۆلگەن. 29 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۇلارنى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭى ئېرىق يېزىسىدا بىر قوناقلىقتا قورشاۋغا ئالغان ۋە پىدائىيلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. پىدائىيلار تەسلىم بولۇشى رەت قىلغان. نەتىجىدە ئۇلارنى ئوق تۇتقان، پىدائىيلار ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا بىر نەپەر ساقچى ۋە بىر نەپەر ئامانلىق خادىمىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغان. شۇ كۈنى قوناقلىقتىكى 9 نەپەر پدائىدىن 6 نەپىرى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن، 3 نەپىرى يارىدار ھالەتتە ئەسىر ئېلىنغان. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە ئەسىرلەرنىڭ ئۈچىلىسى ئەر بولۇپ، ئانارگۈل مۇتەللىپ قوناقلىقتا نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خوتەننىڭ گۇمۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ھىجرەتچىلەر بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئىككى نەپەر ئايال بار بولۇپ، بۇلار بۈزۆھرە سەيدەخمەت، بۇرابىيە ئابدۇقادىر. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنكى توقۇنۇشتا، ئايال ۋە بالىلارمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زورۋانلىقىغا تەڭ قارشى تۇرغان. بۇرابىيە ئابدۇقادىر بىلەن بۇزۆھرە سەيدەخمەت، نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن. خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ جىھاد تەربىيىسى ئۈچۈن، پاكىستانغا يولغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتتىن نارازى ئىكەنلىكى، سەبداشلىرى ياكى ئائىلە ئەزالىرى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقاندا، سەبداشلىرى تەرەپتە رول ئالغانلىقى، شۇ كۈنكى خەۋەرلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىدىن مەلۇمدۇر.
ئاياللار ئەڭ كۆپ ئىشتىراك قىلغان ۋە جەڭگىۋار رول ئالغان ۋەقەلەردىن بىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدۇر. خىتاي ساقچىلىرى زوراۋانلىق بىلەن نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغاندا، كالتەك - چوماق ۋە تاش - كېسەكلەر بىلەن رەقىپلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلار ئارىسىدا خەيرىنىسا ساۋۇت ۋە پەزىلەت ئەكپەرگە ئوخشاش ئوننەچچە ۋە ۋە بەلكىم بىرقانچە خانىم قىزلارمۇ بار. خەيرىنىسا ساۋۇت، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن خەيرىنىسا ساۋۇت، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، قاتىللىق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ۋە جازاسى ئىجرا قىلىنغان خانىم - قىزلاردىن بىرى. 19 ياشقا كىرگەن پەزىلەت ئەكبەر بولسا، قورغاس ناھىيىسىنىڭ سۈيدۈڭ بازىرىدىن، ئۇ 1944 - يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن بىرىنىڭ نەۋرىسى. ئۇ 2010 - يىلى 4 - ئايدا قاتىللىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئېتىشقا بۇيرۇلغان. ئۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.
1997 - يىلى غۇلجا ۋەقەسىگە سەۋەپ بولغان مەشرەپ پائالىيىتىدە، كىشىلەرنى ئويغىتىش، ھەركەتلەندۈرۈش ۋە تەشكىللەشتە رول ئالغۇچىلاردىن بىرى خالىدە مەھەممەت. ئۇ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىشىدا تەشۋىقاتچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ سوت مەيدانىدىكى سىمۋوللۇق كىيىنىشى ۋە مەردانە تۇرقى بىلەن مىڭلارچە ياشلارنىڭ قەلبىگە ئۆز ھەيكىلىنى تىكلىگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 2008 - يىلى 23 - مارت خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشى،2009 - يىلى 7 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى ئاتبەيگە مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشى بۈگۈنكى بۇ تېمىدا ئەسكە چۈشىدىغان ۋەقەلەردۇر. ۋەقەدىكى كۆك مايكىلىق قىز، تانكىغا قارشى يۈرگەن ھاسا تاياقلىق ئايالمۇ تەبىئىي ھالدا ئەسكە چۈشىدىغان سىمالاردۇر. يۇقىرىدا بىز پەقەت، ئەنە شۇ يۈزلىگەن ئاياللارنىڭ پەقەت بىرقانچىسىنىڭ كەچمىشى ۋە كىملىكلىرىنى مىسال سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.
