ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق مەنبەلىرى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى توققۇز كان چارلاش ھوقۇقى كىمئارتۇق قىلىنىپ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

29-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى سودا مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «كانچىلىق ھوقۇقى شەكىللىك بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى توققۇز كان چارلاش ھوقۇقى كىمئارتۇق قىلىنىپ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى بازارغا سېلىشى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقىگە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلەمدۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟

خىتاينىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى تۈرلۈك شەكىللەردە روياپقا چىقماقتا. ئۈرۈمچىدە 2011-يىلى 10-مارت قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زېمىن سودا مەركىزى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى، كان چارلاش ھوقۇقىنى بازارغا سالىدىغان مەخسۇس بازىرى قۇرۇلغىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان بولسىمۇ، بۇ مەركەزدە ھازىرغىچە سودا تۈرى 53 كە يەتكەن. رىقابەتكە چۈشكەن ئورۇن70 تىن ئاشقان.

29-يانۋار مەزكۇر سودا مەركىزىگە ۋىۋىسكا ئاسقان خىتاي كارخانا ۋە شىركەتلىرىدىن مەخسۇس چاغانلىق ھال سوراشقا كەلگەن ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى سودا مەركىزىدىكى كادىر مۇلازىمەتچىلەرگە «دا مەركىزى كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇشتەك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ قېرىنداش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى ئېچىشقا قاتناشقان كارخانىلىرىغا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا ھەمدە ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر سودا مەركىزىدە خىتاي دائىرىلىرى 16-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى تالدۇ مىس كانىنى ئالدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق توققۇز كان چارلاش ھوقۇقىنى ئاشكارا تاختا ئېسىپ كىمئارتۇق قىلىپ ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ16 كارخانىسى بۇ قېتىمقى كان چارلاش ھوقۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن رىقابەتكە قاتناشقان، چارقىلىق تەۋەسىدىكى ئالتۇن كاننىڭ ئالدىن چارلاش ھوقۇقىنى تالىشىش ئەڭ كەسكىن بولغان، ئۇنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 6مىليون100مىڭ يۈەنگە توختىغان.

2011-يىلى، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇمۇلدىكى سەنتاڭخۇ كۆمۈر بايلىقى رايونىدا ئۈچ كۆمۈر زاپىسى رايونى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا رەسمىي تاختا ئاسقان ئىدى. بۇ ئۈچ كان رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسى 15 مىليارد توننىغا يېتىدىغان بولۇپ ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسى ئىچىدىكى خىتايغا ئەڭ يېقىن كان ھېسابلىنىدۇ.

نۇر بەكرى كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش زېمىن سودا مەركىزىدە ئىش بېجىرىۋاتقان مەلۇم كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇمۇل سەنتاڭخۇ كۆمۈر بايلىقىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى مەدھىيىلەپ، «ئارخانىلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىتىنىڭ ھىمايە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ شۇنداقلا ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل ئۇسۇلدا ھەقلىق تەقسىملىنىدىغان بايلىققا ئېرىشىپ، شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ » دېگەن.
شىنجاڭ زېمىن سودا مەركىزى دەپ ۋىۋىسكا ئاسقان بۇ ئورۇندىكى غەربىي شىمال رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ شىي فامىلىلىك دىرېكتورى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش بازىرىغا‏ شىنجاڭدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشقا ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا كۈچىگە ئىشەنچى بار شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ھەرقاندىقى كىرسە بولۇۋېرىدۇ دېدى. ‏كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆلچەم بويىچە دۆلەتكە ۋە يەرلىككە باج تۆلەيدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا، چىققان بايلىق پايدا زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ گەرچە ھازىر ئۇيغۇر ئېلى بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشقا قاتنىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بەك كۆپ بولغاچقا ھەقىقىي سانىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس سىياسەتلىرى بارغۇ، مەمۇرىي ئورگانلاردىن سورىسىڭىز ياخشىراق بىلىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي شىركىتى مەبلەغ سالغان بىر ئېنېرگىيە ئېچىش شىركىتىنىڭ بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق ۋە كان ئېچىش ھوقۇقىنى تالىشىش كىمئارتۇق بازىرىدا يەرلىك كارخانىلارنىڭ ياكى سودىگەرلەرنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ كارخانىلىرى بىلەن كۈچ ئېلىشالمايدىغانلىقىنى، گەرچە كان چارلاش ھوقۇقىنى ئاشكارا كىمئارتۇق بازىرىغا قويغان بىلەنمۇ بەرىبىر بۇ بازارنىڭ پەقەتلا خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن رىقابەت مەيدانى ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر، ئۇيغۇر بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى ئاشكارا سېتىشتەك بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇر ئېلى ۋە خەلقىگە زىياندىن باشقا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ ئىشىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كان ھوقۇقىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىغا تەڭ ئىگە بولىدۇ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقىلىرىدىن تەڭ مەھرۇم قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا بولسا بۇ پەقەت نارازىلىقنى كۈچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.