مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە شاھىدە قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ئۈرۈمچىدە 8 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇۋىتىلگەن؛ ئۇ نۆۋەتتە قەشقەر نەزەرباغدىكى قېينىئاتىسىنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. بۇلارنىڭ 16 نەپىرى، 15 يىللىقتىن مۇددەتسىزگە قەدەر پەرقلىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نۆۋەتتە بۇ 16 مەھكۇم ئۈرۈمچى 1 - تۈرمە، 3 - تۈرمە ۋە تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان تەپسىلىي خەۋىرىنى ئاڭلايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەڭ يېقىنقى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوت، 2010 - يىلى 12 - ئاينىنڭ 24 - كۈنى ئېچىلغان. سوتتا جەمئىي 16 مەھبۇس سوتقا تارتىلغان. سوتتا ئۇلاردىن مۇتەللىپ مامۇت قاتارلىق 4 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر قاتارلىق 4 كىشىگە 20 يىللىقتىن، مۇسا مۇھەممەد قاتارلىق 4 كىشىگە 17 يىللىقتىن، ئابدۇقادىر ئابدۇغېنى قاتارلىق 4 كىشىگە 16 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. سوتتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن بەزى ئائىلىلەرگە سوت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئادۋوكات تۇتىدىغان - تۇتمايدىغانلىقىنى سورىغان؛ كۆپىنچە ئائىلىلەرگە سوت ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. تۇتۇلغان ئادۋوكاتلار ئائىلىلەردىن پۇل ئالغان بولسىمۇ، ئۇلارغا داۋانىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
بىز شۇ كۈنكى سوتقا قاتناشقان ئىككى نەپەر ئادۋوكاتنى زىيارەت قىلدۇق. بۇلارنىڭ مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر سوتمۇ خۇددى ئىلگىرىكى سوتلارغا ئوخشاشلا كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا ئېچىلغان. بۇ كۆرۈنۈشكە بەزى ئادۋوكاتلار مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان بولسا، بەزى ئادۋوكاتلار ئاكتىپلىق بىلەن رول ئالغان ۋە ھەتتا بۇنى پۇل تېپىۋېلىش پۇرسىتى دەپ قارىغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى شاھىدە قۇربان ئىسىملىك ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسى ئۈرۈمچىدە 8 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن. نۆۋەتتە قەشقەر نەزەرباغدىكى قېينىئاتىسىنىڭ يېنىدا ياشىماقتا.